ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىلەيك لىۋېلىي بىلەن رىيان رىينولدىسنىڭ توي قىلغانلىق خەۋىرى تارقالغان.بىلەيك لىۋىلىينىڭ توي كىيىم لايىھىلىگۈچىسى لىۋىلىينىڭ توي مۇراسىمىدا ئەنگلىيە يېڭى ماركىسىدىكى توي كۆڭلىكىنى كىيگەنلىكىنى، كۆڭلەكنىڭ سىرتىغا خرۇستال ۋە ئەتىرگۈللەر كەشتە قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.
توي مۇراسىمىدا ھەر بىرەيلەن ئالاھىدە لاھىيلەنگەن قىزىل رەڭلىك مۇراسىم كىيىمىنى كىيگەن. مۇراسىمغا قاتناشقان ھەممە ئاياللار فرانسىيىلىك داڭلىق لايىھىلىگۈچى كىرىستىيان لاۋبوۋتىن لايىھىلىگەن ئاياغلارنى كىيگەن. ئەرلەر بولسا ئەنگلىيىدىكى داڭلىق ماركا Burberry ئالاھىدە لايىھىلىگەن كىيىملەرنى كىيىپ توي مۇراسىمىنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتكەن.
مارزىيا ستىۋارت توي مۇلازىمەت شىركىتى بىلەيك لىۋىلىي ۋە رىيان رينولدىسنىڭ توي مۇراسىمىنىڭ ئىنتايىن تەپسىلىي ھەم مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ھەمدە مۇراسىمنىڭ ئىنتايىن ياخشى ھەم كۆڭۈللۈك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتقان.