ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:


يېقىندا داڭلىق چولپان گاۋ يۈەنيۈەن مەلۇم داڭلىق ماركىنىڭ تەكلىپى بىلەن بىر يۈرۈش ئېسىل سۈرەتلەرگە چۈشكەن بولۇپ، بۇ قېتىم ئىلگىرىكى نازاكەتلىك قىياپىتىنى تاشلاپ ، قارا كۆڭلەك قارا چاپان كىيىپ تەنناز قىياپىتىنى نامايان قىلغان.



گاۋ يۈەنيۈەن جۇڭگونىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى بولۇپ، 1979-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا ئادەتتىكى زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.گاۋ يۈەنيۈەن 1996-يىلى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە بازار ئايلىنىۋاتقاندا بىر ئېلان شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى تەرىپىدىن تاللىنىپ تۇنجى قېتىم ئېلان ئوبرازى ۋەكىلى بولغان. ئۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ نۇرغۇن ئېلانلارنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ، ئېلان ساھەسىدىكى داڭلىق مودېلغا ئايلانغان. 1997-يىلى تۇنجى قېتىم كىنودا رول ئېلىپ ئارتىسلىق ھاياتىغا قەدەم قويغان. يېقىنقى بىر قانچە يىل گاۋ يۈەنيۈننىڭ كەسىپتە تازا گۈللەنگەن مەزگىلى بولۇپ، چوڭ -كىچىك ھەممەيلەنگە تونۇلغان داڭلىق چولپانغا ئايلاندى.