ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

يەر شارى تورى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى خەۋىرى، ئەنگلىيە ‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق نيويورك مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە، 81ياشلىق ئادەتتىن تاشقىرى مودېل كارمان دېل ئورلىي فېز T شەكىللىك سەھنىدە پەيدا بولۇپ نەق مەيداندىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
دۇنيا مىقياسىدا نامى چىققان نوپۇزلۇق مودېلنىڭ بىرى كارمان سەھنىدە پەيدا بولۇپ ئۆزىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى داڭلىق كەسپىي مودېل ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. ئەتىگەنلىك سەھنىدە ئۇ ئەت رەڭ كىيىم كىيىپ كونا ئۇسلۇبنى ياراتقان بولسا، چۈشتىن كېيىن رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى كىيىپ ئەڭ گۈزەل قىياپىتىنى نامايان قىلدى. بىر-بىرىدىن ئېسىل كىيىملەر كارماننىڭ ھېلىمۇ زىلۋا تۇرغان بەدىنىگە تولىمۇ ياراشقان بولۇپ، ياشقا چوڭ بولۇپ قالغانلىقىنى قىلچە چاندۇرمىغان ئىدى.
كارمان دېل ئورلىي فېز ئۆزىنىڭ مودېللىق ھاياتى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ غەلىبە قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، لېكىن مودېل بولۇپ، ئىقتىدارىنىڭ ھەممەيلەننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كارمان 15ياش ۋاقتىدىن باشلاپ 《Vogue》 ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىگە چىقىشقا باشلىغان، ئۇنىڭدىن ئېتىبارەن مودېل ساھەسىگە قەدەم قويۇپ دۇنياغا تونۇلغان داڭلىق چولپانغا ئايلانغان.


