ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:



كانادا ۋاقتى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگو تىلىدىكى فىلىملەر ئىچىدە تورونتو كىنو بايرىمىغا تاللانغان بىردىن-بىر فىلىم ‹خەتەرلىك مۇناسىۋەت›شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلۇشقا باشلىدى. فىلىم ئىشلىگۈچى چېن ۋېيمىڭ، رېژىسسور شۈ تەيخاۋ، فىلىمدىكى باش قەھرىمان جاڭزىيى بىلەن جاڭ دوڭجيەن بىرلىكتە بۇ فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە نەق مەيدانغا كەلگەن بارلىق مەستانىلىرى بىلەن كۆرۈشتى. بۇ فىلىمنى كۆرگەنلەر قاتتىق تەسىرلەنگەن بولۇپ، قىزغىن چاۋاك چېلىشقان. شۇنداقلا ‹بەك قالتىسكەن! مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك، جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئېسىل فىلىم ئىكەن›دېيىشكەن.
تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىدا جاڭزىيى بىر قۇر ئاق مۇراسىم كىيىمى كىيىپ ئېسىل قىياپىتىنى نامايان قىلسا، كورىيە چولپىنى جاڭ دوڭجيەنمۇ بىر قۇر ئېسىل كىيىنىپ قاملاشقان قىياپىتىنى نامايان قىلغان. ئىككىيلەن قىزىل گىلەم ئۈستىدە پەيدا بولۇشى بىلەن نەق مەيداندىكىلەر قىيقاس-چۇقان كۆتۈرۈشكەن، بەزىلىرى ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنغان لېكىن قوغدىغۇچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. ئىگىلىنىشىچە، نۇرغۇن مەستانىلەر تۆت سائەت بۇرۇن مەيدانغا كېلىپ ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئالغان. قىزىل گىلەم ئەتراپىدىن نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلگەن ھەر خىل مەستانىلەرنى كۆرگىلى بولاتتى. جاڭ زېيى بىلەن جاڭ دوڭجيەنمۇ مەستانىلىرى بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ ئۇلارغا ئىمزا قويۇپ بەرگەن، يەنە بەزى مەستانىلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن. زىيارەت داۋامىدا بۇ ئىككى داڭلىق چولپان ئىنگلىز تىلى بىلەن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.