ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:



يەر شارى تورى9-ئاينىڭ 12-كۈنى خەۋىرى، ‹نيويورك كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›نىڭ 11-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە ھوللىېۋودنىڭ داڭلىق چولپىنى ئانجىلىنا جۇلى يېقىندا ئىئوردانىيىدىكى سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى يوقلىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ياردەم بېرىش.
ئانجىلىنا جۇلى سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ نائىلاج ئۆز دۆلىتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىئوردانىيە چېگرىسى ئەتراپىدىكى لاگېرغا كېلىپ ئىختىيارسىز ياش تۆككەن.ئۇ يەنە بۇ بىچارە مۇساپىرلاردىن ئىنتايىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۇلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جۇلى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى ئانتونى گاتېرۈيس ۋە ئىئوردانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ناسىر بىرلىكتە سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى يوقلىغان بولۇپ، سۈرىيە مۇساپىرلىرى تۇرۇۋاتقان Zaatari ئورنىغا كېلىپ، 30مىڭ سۈرىيە مۇساپىرلىرى پاناھلىنىۋاتقان جاينى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.
ئانجىلىنا جۇلى ئارىلىقتىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ يەنە لىۋان، تۈركىيە ۋە ئىراقتىكى سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى يوقلىغان. جۇلىنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇساپىرلار ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن، مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئۇنىڭغا ‹دوستلۇق ئەلچىسى›دەپ نام بەرگەن.