ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

يەر شارى تورى خەۋىرى، ھوللىېۋودنىڭ فانتازىيىلىك فىلىمى ‹بىئوخىمىيە كرىزىسى5›9-ئاينىڭ 14-كۈنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قويۇلىدۇ. بۇ فىلىمنىڭ سەييارە تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان لى بىڭبىڭ يېقىندا 《VOGUE》ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپى بىلەن بىر يۈرۈش مۇقاۋا سۈرەتلەرگە چۈشتى. ئىزچىل ئۇزۇن چاچلىرى بىلەن نازاكەتلىك قىياپىتىنى نامايان قىلىپ كېلىۋاتقان لى بىڭبىڭ بۇ قېتىم قىسقا چاچ قويۇپ، قىزىل كىيىم كىيىپ، 3Dتېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، ‹بىئوخىمىيە كرىزىسى5›تىكى ئادا ۋوڭ ئوبرازىنى ياراتقان. بۇ ئاجايىپ ئوبرازى 《VOGUE》ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى Anna Wintourنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.
‹بىئوخىمىيە كرىزىسى5›ناملىق فىلىمدە لى بىڭبىڭ مۇز تاغدىكى گۈزەل ئادا ۋوڭ ئوبرازىنى ياراتقان بولۇپ، قىسقا چاچ، قىزىل كىيىم ھالىتى بىلەن قولىدىكى قورال قوشۇلۇپ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ فىلىمدە ئاندا رەزىل umbrella(كۈنلۈك)شىركىتىگە خىزمەت قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇ ئارقىلىق ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ياردەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بولۇپ، سالاھىتى ئىنتايىن سىرلىق. شۇڭا بۇ قېتىم 《VOGUE》ژۇرنىلىمۇ سۈرەتكە كۈنلۈك قوشۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغان.

بۇ قېتىملىق سۈرەتلەردە لى بىڭبىڭ ئۆزگىچە قىياپەت ياراتقان بولۇپ، كىشىنى جەلپ قىلىدۇ.

