ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

خەلقئارا تور لىنىيىسى تاماشا خەۋىرى، تورونتو ۋاقتى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، ‹باھار كانىكولىدىكى ئوقۇغۇچىلار›ناملىق فىلىم گۇرۇپپىسىدىكىلەر تورونتو كىنو بايرىمىدا پەيدا بولدى. شۇ كۈنى بۇ فىلىمدە باش رول ئالغان سېلىنا گومىز، ۋانىسا ھادگنس ئاشلىي بېنسون قاتارلىقلار چىرايلىق ياسىنىپ قىزىل گىلەم ئۈستىدە ئەڭ گۈزەل لاتاپىتىنى نامايان قىلغان.

‹باھار كانىكولىدىكى ئوقۇغۇچىلار ›ناملىق فىلىمدە بىر توپ قىزلارنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى كانىكول ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بانكا بۇلايدۇ. ئەمما بۇلاڭچىلىق قىلىپ بولۇپ قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قولغا ئېلىنىدۇ. جامېس فرانكونىڭ بۇ فىلىمدىكى ئوبرازى بولسا زەھەر ۋە قورال سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان گەپكە ماھىر ئالېين، دەل مۇشۇ ئالېين بۇ بىر توپ قىزلارنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئالېيننىڭ ھەقىقىي مەقسىتى مۇشۇ قىزلاردىن پايدىلىنىپ دۈشمىنى ئارچتىن ئۆچ ئېلىش.......


