ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

ۋاڭيى تاماشا تورى مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، داڭلىق كىنۇ چولپىنى چىن كۈن مىكروبىلوگىدا ئوغلى بىلەن بىللە ساياھەت قىلغان ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرىنى ئاشكارلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى تولىمۇ ئوماق ئىدى.
10-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چىن كۈن ئۆزىنىڭ مىكروبىلوگىدا ئوغلىنىڭ كۈچۈك مەشىق قىلدۇرغان ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرىنى ئاشكارلاپ، تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. سۈرەتلەردە چىن كۈننىڭ ئوغلى تىزلىنىپ ئولتۇرۇۋېلىپ بۇ كىچىك كۈچۈكنى ئوينىتىۋاتاتتى. بۇ سۈرەتلەردىن چىن كۈننىڭ ئوغلىنىڭ چىرايىنى تولۇق كۆرگىلى بولمىسىمۇ بىراق بۇرۇن ئېلان قىلغان سۈرەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا خېلى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى، چۈنكى بۇرۇنقىلىرىنىڭ ھەممىسى كەينىدىن تارتىلغان سۈرەتلەر ئىدى.






