ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، لىن دەن بېيجىڭدا داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ۋە تاماشا ساھەسىدىكى لى يوڭ بو ، خۇاڭ خوڭ، جاۋ ۋېن جو قاتارلىق نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخسلەر توي مۇراسىمىغا كېلىپ ئۇلارغا بەخت تىلىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا توي قىلىپ جەمىئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ياۋ مىڭ، ياڭ ۋېي قاتارلىق تەنتەربىيە ساھەسىدىكى داڭدار شەخسلەرنىڭمۇ توي سۈرەتلىرى مىكروبىلوگلاردا ئاشكارلاندى.

لى دەن بىلەن سۆيۈملۈك ئايالىنىڭ بەختلىك ھالىتى.


ياۋمىڭنىڭ ئاددى-ساددا ئۆتكۈزۈلگەن توي مۇراسىمى. جۇڭگو تەنتەربىيە ساھەسىدىكى چولپان ياۋمىڭ ئۆزى بىلەن بىللە تەنتەربىيە ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن يې لى بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تويى 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى شەرق گۆھىرى مۇنارى يېنىغا جايلاشقان شياڭگېلالى مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پۈتكۈل توي مۇراسىمىدا بۇزۇپ-چاچقان ئىسراپخورلۇق يوق ئىدى. توي مۇراسىمى تۆت سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، مېھمانلارمۇ ئۈستەللەرگە تىزىلغان ئاددى بىر ۋاخ تاماق بىلەن ئىچىملىك ئىچىپ بۇ بىر جۈپ ياشقا بەخت تىلىگەن. پۈتۈن توي مۇراسىمىغا 240مىڭ يۈەن پۇل ئىشلەتكەن.


ياڭ ۋېينىڭ توي مۇراسىمى. 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ياڭ ۋېي بىلەن ياڭ يۈننىڭ توي مۇراسىمى خەينەندىكى سەنيا ساياھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق توي مۇراسىمى تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن توي مۇراسىمى ھېساپلىنىدىكەن. توي مۇراسىمىغا سۇمرۇغ تېلىۋىزىيە قانىلىنىڭ داڭلىق دېكتورى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ ، ياڭ يۈن كەيگەن ئالتۇن بېسىلغان توي كۆڭلىكىنىڭ باھاسى 30مىليون يۈەن ئىكەن.


ۋاڭ نەننىڭ دېڭىزدا ئۆتكۈزۈلگەن تويى. 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋاڭ نەننىڭ توي مۇراسىمى شەندوڭدىكى يەنتەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمى تولىمۇ ئۆزگىچە ئېلىپ بېرىلغان. مېھمانلار بىلەن قىز-يىگىت بىللە ئېسىل بېزەلگەن پاراخوتقا چىقىپ دېڭىزدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پۈتكۈل توي مۇراسىمىغا بىر مىليوندىن كۆپرەك پۇل خەجلىگەن.

2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، ۋانكۇۋېر قىشلىق ئولۇمپىك تەنتەربىيە يىغىنىدىكى چىمپىيون شېن شۆ بىلەن جاۋ خوڭ بونىڭ توي مۇراسىمى بېيجىڭدىكى تەنتەربىيە سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمىمۇ تولىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئارتىسلار كېلىپ مۇز ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىپ توي مۇراسىمىنى قىزىتىۋەتتى. كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقىنى جاۋ خوڭ بونىڭ مۇز ئۈستىدە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ شېن شۆگە توي تەكلىپى قويغان كۆرۈنۈشى ئىدى.

جاڭ يى نىڭنىڭ ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى. 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى جاڭ يى نىڭ بىلەن شۈ ۋېي شەرقتىكى شىن تيەندى مېھمانخانىسىدا داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، دېڭ يا پىڭ، شېن شۆ، جاۋ خوڭ بو قاتارلىق نۇرغۇنلىغان داڭلىق چولپانلار مۇراسىمغا قاتنىشىپ بۇ بىر جۈپ ياش ئۈچۈن بەخت تىلىگەن.

تيەن لياڭ بىلەن يې يىنىڭ توي مۇراسىمى ئەدەبىيات-تەنتەربىيە ساھەسىنىڭ قوشۇلىشىدىكى تىپىك توي مۇراسىمى بولۇپ، 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى شىئەندىكى داڭلىق بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلدى. شەنشى ئۆلكىسى بىلەن شىئەن شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئالاقىدار رەھبەرلەر توي مۇراسىمىغا قەدەم تەشرىپ قىلغان بولۇپ، دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ باشلىقى تيەن لياڭغا بەخت تېلىگىراممىسى يوللاپ ئۇلارغا بەخت تىلىگەن.مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ دېكتورى لياڭ يى مياۋ توي مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، توي مۇراسىمى نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

لى شياۋ پېڭنىڭ توي مۇراسىمى. تەنتەربىيە ھەرىكىتى چىمپىيونى لى شياۋ پېڭ بىلەن لى ئەن چىنىڭ توي مۇراسىمى تولىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇلار ئالدى بىلەن ئامېرىكىدا بىر قېتىملىق رومانتىك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا يەنە بىر قېتىم توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. 29ئۈستەل مېھمان چاقىرغان بولۇپ، ھەربىر ئۈستەلنىڭ باھاسى 10مىڭ يۈەن بولغان.
