نۇر تورى 7-ئۆكتەبىر خەۋىرى: مول ھوسۇل شاتلىققا تولغان ئالتۇن كۈز ئايلىرى بولغان ئۆكتەبىرنىڭ 6-7-كۈنلىرى سەنئەتكە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان ياش سەنئەتكار، ياراملىق كارخانىچى ئابلەت مىجىت تەلبا ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىنى مۇقەددىمىسى بولغان ئابلەت مىجىت ناخشا كىچىلىكىنى سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا ياڭراق ئالقىش سادالىرى ئىچىدە غەلبىلىك تاماملىدى. كىچىلىكتە تالانتلىق ئارتىس رىياسەتچى قىيۇم مۇھەممەت بىلەن ماھىرە ئابدۇغەنىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئابلەت مىجىت تەلبانىڭ مول مەزمونلۇق رەڭدار ناخشىلىرىغا،كومپازىتور ئابدۇرىھىم ھېيت،زاھىر بورھان قاتارلىقلارنىڭ ياڭراق ناخشىلىرى ، ياش ناخشىچىلاردىن ئابدۇقادىر يار ئىلى، رەنا روزىلارنىڭ جۇشقۇن، لىرىك ناخشىلىرى، ياش ئىتوت ئارتىسلىرىدىن ئۆمەرجان ئابدۇكىرىم،سەۋەرىدىن ئىمام، ئارافات دىلشات، قەلبىنۇر قاتارلىقلار ئورۇنلىغان «باينىڭ خۇتۇنىنى تالاق قىلىشى» ناملىق قىزىقارلىق ئىتوتلىرى،كىچىلىك رېژىسسورى ۋە پىلانلىغۇچىسى، ئەل سۆيگەن ئىجادكار راھمانجان ئاۋۇت ئۆزھال ئورۇنلىغان ئەڭ يېڭى ئىجادىي ناخشىلار قۇشۇلۇپ ئابلەت مىجىت تەلبا ناخشا كىچىلىكىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۈتۈردى، سەنئەت سۈيەر ئوت يۈرەك تاماشىبىنلارغا ئۆزگىچە زوق، ئۇنتۇلماس ئەسلمىلەر قالدۇردى. سۆرەتلەرنى «جۈپ قول» كەسپى فوتو - سۆرەتخانىسىدىن مۇھەممەتجان تارتقان
رىياسەتچى قىيۇم مۇھەممەت ۋە ماھىرە ئابدۇغەنى
ئابلەت مىجىت تەلبا دوپپا، شەيدامەن، ئامال يوق قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنلىماقتا
تەلبا كىيىم كېچەك تەربىيلەش مەكتىپى لايىھەلىگەن كىيىملەر مودىللار نامايەندىسىدە
تەلبا كىيىم كېچەك تەربىيلەش مەكتىپى لايىھەلىگەن كىيىملەر مودىللار نامايەندىسىدە تاماشىبىنلار كۆڭۈل سوۋغىلىرى ياش ناخشىچى رەنا روزى «يۈرۈگۈن ئالما ئەمەس» «كۈتۈش» قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنلىماقتا تەلبا كىيىم كېچەك تەربىيلەش مەكتىپى لايىھەلىگەن كىيىملەر مودىللار نامايەندىسىدە تەلبا كىيىم كېچەك تەربىيلەش مەكتىپى لايىھەلىگەن كىيىملەر مودىللار نامايەندىسىدە ياش ناخشىچى ئابدۇقادىر يار ئىلى «تەلبا» ناملىق ناخشىنى ئۇقىماقتا ئەل سۆيگەن دۇتتار شاھى كومپازىتور ئابدۇرىھىم ھېيت جاللات خېنىم، باھادىرناما قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ياسىنجان سىدىق چوغلان قاتارلىق تاماشىبىنلار
تەلبا كىيىم كېچەك تەربىيلەش مەكتىپى لايىھەلىگەن كىيىملەر مودىللار نامايەندىسىدە كومپازىتور زاھىر بورھان ئىجراسىدا يېڭى ئۇسلۇبتكى تۇرپان خەلىق ناخشىسى «ئەلانۇرخان» «زەيتۇنخان» تاماشىبىنلار ئابلەت مىجىت «بالىلىققا قايتقۇم بار» «دوستلار سەمىگە» «پەرزەنت ئىشقى» «يۈردۈڭ نەدە» قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنلىماقتا ئابلەت مىجىت تاماشىبىنلارنىڭ كۆڭۈل سوۋغىسىنى قۇبۇل قىلماقتا
ياش ئىتوت ئارتىسلىرىدىن ئۆمەرجان ئابدۇكىرىم،سەۋەرىدىن ئىمام، ئارافات دىلشات، قەلبىنۇر قاتارلىقلار ئورۇنلىغان «باينىڭ خۇتۇنىنى تالاق قىلىشى» ناملىق قىزىقارلىق ئىتوت
«جاللات خېنىم»، «باھادىرناما» قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ياسىنجان سىدىق چوغلان ۋە ئەل سۆيگەن ئاتاقلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرىھىم قاتارلىقلار ئابلەت مىجىت تەلبا تەرىپىدىن تون كىيدۈرۈلمەكتە
كىچىلىك رىجىسورى ۋە پىلانلىغۇچىسى، ئەل سۆيگەن ئىجادكار راھمانجان ئاۋۇت ئۆزھال «نەزەر سال تاغلارغا»«15 ياشلىق قىز» قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنلىماقتا غەلبىلىك ئاياغلاشقان ناخشا كىچىلىكى