ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:


پارىس ھېلتوننىڭ (ئوڭ تەرەپ )ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۈشكەن سۈرىتى
ھوللىېۋودتىكى نوپۇزلۇق چولپان پارىس ھېلتوننىڭ ئىزچىل كىشىلەرگە بېرىپ كېلىۋاتقان تەسىرى ئىككىنچى ئەۋلاد باي ئەمما ھاكاۋۇر ھەم پۇلپەرەس. 10-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھىلتون بالىلىق ۋاقتىدىكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۈشكەن سۈرەتنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئاپىسى چىرايلىق ھەم ۋاپادار ئايالدەك، دادىسى بولسا قاملاشقان ئەردەك كۆرۈنەتتى. سۈرەتتىن ھېلتۇننىڭ ئاپىسىنىڭ گۈزەللىكىنى تارتقان ئوماق قىز ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرۈۋېلىش ئۇنچە تەس ئەمەس ئىدى.
پارىس ھېلتون يەنە ئاتا-ئانىسىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى، ھېسسىيات مۇناسىۋىتىنىڭ ئىزچىل ياخشى ئىكەنلىكىنى، مۇشۇنداق ئاتا-ئانىسىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پارىس ھېلتون 1981-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ناخشا چولپىنى، مودېل، كىنو ئارتىسى، يازغۇچى، سودىگەر شۇنداقلا داڭلىق لايىھىلىگۈچى.