ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

9-ئاينىڭ 28-كۈنى، خۇاشى شەھەر گېزىتى مۇخبىرى «كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان جاڭ زىيىنىڭ چەتئەلدىكى خەنزۇچە تور بېكىتىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن تارقىتىۋەتكەن يالغان خەۋەرلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان دېلوسىغا ، 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكىدىكى كالىفورنىيە شىتاتى سوت مەھكىمىسىدە ئوچۇق سوت ئېچىلىدۇ» دېگەن خەۋەرنى ئېلان قىلغان ئىدى. 10-ئاينىڭ 5-كۈنى، خۇاشى شەھەر گېزىتى مۇخبىرى يەنە بىر يېڭى خەۋەرگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ دېلونىڭ ئوچۇق سوت قىلىنىش ۋاقتى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىگە كىچىكتۈرۈلگەن. نۆۋەتتە بۇ تور بېكىتى سوتنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغان .
ئىگىلىنىشىچە، بۇ دېلونىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنىگە كىچىكتۈرۈلىشىدىكى سەۋەب بولسا، بۇ تور بېكىتى كالىفورنىيە شىتاتى سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ دېلوغا ئارىلىشىدىغان ھوقۇقى يوق دەپ قاراپ، كالىفورنىيە شىتاتى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى تەكشۈرمەكچى بولغان. خۇاشى شەھەر گېزىتى مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ تور بېكىتى ئامېرىكىدىكى شىمالى كارولىنا شىتاتىغا جايلاشقان ئىكەن. شۇڭا كالىفورنىيە شىتاتى سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ دېلوغا قاراپ چىقىش ھوقۇقى يوق دەپ قارىغان ھەم سوتقا چىقىشنى رەت قىلغان. بىراق كالىفورنىيە شىتاتى سوت مەھكىمىسى جاڭ زىيىنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، 11-ئاينىڭ 16-كۈنى سوت ئېچىشنى بېكىتكەن.