ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو ئاخبارات تورى 10-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى: تەيۋەن«ئالما كۈندىلىك گېزىتى»خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 37ياشقا كىرگەن لى ۋېن بىلەن 52ياشلىقBruce بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 27-كۈنى داغدۇغىلىق توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى بىر يىللىق توي خاتىرە كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزۈش پىلانلىنىۋاتقان ۋاقىتتا ، تۇيۇقسىزلا ئۇلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش خەۋىرى ئاخبارات ساھەىسىنى تىتىرىتىۋەتتى.« لى ۋېننىڭ ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولسا ئېرى ئاشنا تېپىۋالغان ئىكەن، شۇڭا ئېرىنىڭ بۇنچە تېز ئۆزىدىن يۈز ئۆرۈشىنى قوبۇل قىلالمىغان لىۋېن ئاچچىقىدا ئاجرىشىپ كېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.» دېگەندەك خەۋەرلەر كەڭ ئاخبارات ساھەسىدە تارقىلىپ يۈردى. 10-ئاينىڭ 5-كۈنى لى ۋېن ئاخبارات ساھەسىدىكى دوستلىرىغا بۇ خەۋەرنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى،ئېرى بىلەن ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئىككىسى توي خاتىرە كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق كۈلكىلىك، تولىمۇ بىمەنە خەۋەر تارقاتقانلارغا ئەسكەرتىش بېرىپ قويدى.
لى ۋېن بىلەن ئېرى نىڭ توي قىلىشى سەككىز يىللىق مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئاساسى بولۇپ، بۇلتۇر تولىمۇ ھەشەمەتلىك قىلىپ شياڭەاڭدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمىدىكى ئۆزگىچە تاماقلار، ھەرخىل تەمدىكى ئىچىملىكلەر، شۇنداقلا تەكلىپ قىلىنغان ھەربىر مېھماننىڭ سۈرىتى بىلەن باستۇرۇلغان تەكلىپنامە كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.