ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
تالانتلىق ياش ناخشىچى يېتىلۋاتقان كومپوزىتور بەختىيار تاھىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:
بەختىيار تاھىر 1984-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى غولجىدا تۇغۇلغان. تولۇپ تاشقان ئشەنچ ۋە قىزغىنلىق بىلەن سەنئەت كەسپىگە قەدەم باسقان بەختىيار يۇرت ناخشىسى، ئەسلىمە، مېنى سۆيەتتىڭ، بىر قېتىم، ئارمانىم، ۋاپا، كەندىرىم، ئاتا-ئانا، قاتارلىق ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ ھەم ئورۇنلاپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بەختىيار ناخشا مۇزىكا كەسپىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، 2009-يىلى خىزمەتتىن چىكىنىپ ھازىرقى B سىتودىيىسىنى قۇرغان. شۇندىن بىرى B سىتودىيىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆز كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە سەنئەت كەسپىدىكى دوستلىرى، شاگىرتلىرىنى قوللاش بىلەن خەلقىمىزگە ياققان، مۇڭلۇق مىلودىيەلىرى يۈرەكلەرگە ئاققان بىر قاتار ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ، مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ ئىجاد ھەم ئورۇنلىغان ناخشىلار ھەر قانداق كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ ۋە زوقىنى قوزغايدۇ
