ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
ئىلگىرىكى خەۋەرگە ئاساسلانغادا 5سۇڭلۇق 1080P يىڭى نۇسخىدىكى مەھسۇلاتnubia Z5 بۈگۈن چۈشتىن كىيىن رەسمى تۈردە ئېلان قىلناتتى، بىراق nubia Z5ئەقىلى ئىقتىدارلىق يانفۇنى باشقۇرغۇچ تەرەپنىڭ مىكرو بىلوگغا چىقارغان بىر پارچە ئۇچۇرى بىزنى ئازراق ئۈمۈدسىزلەندۈردى. nubia باشقۇرغۇچ تەرەپ مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ26-كۈنى nubia Z5 پۈتۈن يەر شارىدا تارقىتىدىغان نۇسخىسى بولسا 5سۇڭلۇق 1080p ئىكرانلىق nubia Z5 تونۇشتۇرۇلدۇ، يەنە جوڭشىڭ يانفۇنى ئىغىر مەھسۇلاتى Grand S مۇ CESA دا تۇنجى بولۇپ تارقىتىلدۇ دىدى.

ئىگەللىشىمىزچە nubia Z5 مەھسۇلاتى بولسا ئاليۇمېن ۋە مېتال بويۇملارنىڭ بىرىكمە ماتىرىياللىرىدىن ياسالغان بىر پۈتۈن گەۋدە، بۇ مەھسۇتنىڭ قىلىنلىقى بولسا 8mm دىن تۈۋەن، ھەمدە قولدا سىلىقلاپ ياسىغان مېتال كونۇپكىلارنى سەپلىگەن، ئۇنىڭ رامكىسى بولسا 2 مىللىمېتر ئەترپىدا قىلىپ لاھىللەنگەن، مېيزۇ MX2غا قارغاندا 3.15 مىلىمېتر تار. ئىلگىرىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا nubia Z5 مەھسۇلاتى 5سۇڭلۇق 1080pئىكران، 1.5GHzلىق گاۋتوڭ شىياۋلوڭS4 APQ8064 تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2GB ئىچىكى ساقلىغۇچ ۋە 1300تۈمەن پىكسىللىق سىنغا ئىلىش ئاپپارات لېنزىسى قاتارلىقلارنى سەپلىگەن، ئۇ يەنە Android 4.1 مەشغۇلات سىستىمىسنى يۈرگۈزدۇ، باتارىيە سىغىمى بولسا 3000mAh. خەۋەر بەرگۈچى : nubia Z5 يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولسا ئۇ جوڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جوڭگۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ۋە جوڭگۇ تىلگىراف خەۋەرلىشىشىنىڭ GSM/WCDMA/CDMA2000ئۆلچىمى پۈتۈن تورىنى قوللايدۇ، ئۇنىڭ بازارغا چىقىش ۋاقىتى بولسا كېلەر يىلى 1-ئاي، سىتىلىش باھاسى:3688يۈەن.