يەر شارى تورى مۇخبىرى جاڭ ياڭ خەۋىرى: سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» نىڭ 26- سېنتەبردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دانىيە ئودېنسې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوختۇرخانىسى 25- سېنتەبر ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ دوختۇرخانىنىڭ شۇ كۈنى ئېغىر نەپەس كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بەش نەپەر بىمارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ھازىر بۇ دوختۇرخانا بۇ بەش بىمار ئىچكىرىلەپ كۆزىتىۋېتىپتۇ.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، دانىيە ئودېنسې ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېگەن: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بايقاش ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئېلان قىلدى. بۇ خىل ۋىرۇس سارس ۋىرۇسى بىلەن بىر جەمەتكە تەۋە. شۇنىڭ بىلەن، بىز بۇ بەش بىمارنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنى تەكشۈرۈۋاتىمىز، 26- سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن.
خەۋەردە ئېيتىلىشچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 49 ياشلىق قاتارلىق بىر ئەر يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن قاتارغا قايتقاندىن كېيىن، ئېغىر نەپەس كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەن، كېيىن ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ نۇقتىلىق كۈزىتىلگەن. ئەنگلىيە سەھىيە، مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئەرنىڭ بىر خىل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، بۇ ۋىرۇسنىڭ 2002- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە يەر شارىدا تارقالغان يۇقۇملۇق، تىپسىز ئۆپكە ياللۇغى، يەنى سارس ۋىرۇسى بىلەن بىر «جەمەت» كە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.