ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
[ئىسپانىيە «دۆلەت گېزىتى»نىڭ 26-سېنتەبىر خەۋىرى] ئوباما بىر يىل ئىلگىرى 2011-يىللىق ب د ت يىغىنى مەزگىلىدە نيۇيوركتا 13دۆلەتنىڭ دۆلەت رەھبىرى ياكى ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. لېكىن بۇ يىللىق پىلانىدا بۇنداق ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىدىن بىر قېتىملىقنىمۇ ئورۇنلاشتۇرمىدى.
ئوباما ئەڭ ئاخىرىدا تالاش-تارتىش پەيدا قىلمايدىغان بېرمىلىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاڭشەن سۇكىنى قۇبۇل قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت ئاقساراي ئوباما بىلەن كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلغان ئىككى مۇھىم ئەرباب ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇ بىلەن مىسىر زۇڭتۇڭى مورسىينىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى.
بۇنىڭغا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ تۇيۇقسىز سىرتقى دۇنياغا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالمايدىغانلىقى ئەمەس بەلكى نويابىردىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىنىڭ ئامېرىكا دىپلوماتىيەسىنى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قويغانلىقى سەۋەپ بولغان. بۈگۈن ئېچىلغان ب د ت يىغىنىمۇ ئامېرىكا دىپلوماتىيە ھەرىكىتىنىڭ توختاپ قېلىشىغا ئەگىشىپ ئاستىلاپ قالدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەت ئامېرىكىنىڭ كېلەركى نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى كۈتمەكتە.
گەرچە 20يىلدىن بۇيان دىپلوماتىيە سەھنىسىدە نۇرغۇن ئۆزگۈرۈش بولۇپ، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق كۈچ دۇنيانىڭ يۆنىلىشىنى بېكىتەلمەيدىغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەت نۆۋەتتىكى ئاساسلىق كىرىزىسقا قارىتا قوللانغان ھەر قانداق ئارىلىشىش ھەرىكىتىدە ھېلىھەم ئالدىنئالا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنىق پوزىتسىيەسىگە ئېرىشىشكە موھتاج، شۇنداقلا ھازىر ئامېرىكا تېخى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى.
بۇنىڭغا ئىران ئەڭ روشەن مىسال بولالايدۇ. ھازىر نىجاد نيۇيوركقا يېتىپ باردى، بۇ يىل ئىران مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ب د ت يىغىنىنىڭ مۇھىم قارالمىسى بولۇپ قالدى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى: ئىراننىڭ يادرو پىلانى يادرو بومبىسى ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا كىردى، شۇڭا ئىرانغا دەرھال ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئوباما بۇ قاراشنى قوللىمىدى ھەم نېتانىياخۇدىن سۆزلىشىشكە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەگەر ئوباما قايتا سايلىنىپ قالسا پەلەستىن -ئىسرائىلىيە مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم ۋەزىپىسىگە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭىغا ئىزچىل بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيە بىلەن نىتانىياخۇ ھەتتا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات قۇرالى بولۇپ قېلىپ، زۇڭتۇڭنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ئاجىزلىقىغا ھۇجۇم قىلدى. ئىلگىرى بەزىلەر نىتانىياخۇ ئوبامانىڭ ھازىرقى جىم تۇرىۋېلىشىدىن پايدىلىنىپ يەككە ھالدا ھۇجۇم قوزغىشىدىن ئەندىشە قىلغان. لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ھازىر نيۇيوركقا بېرىشتا نويابىردىن كېيىن ھەرىكەت قوللىنىش ۋەدىسىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان.
ئىران بىر مەيدان زور كىرىزىس بولسىمۇ ، لېكىن يەنىلا يوشۇرۇن كىرىزىس ھىسابلىنىدۇ. ئىراننىڭ ئەتراپىدا ھەر كۈنى دىگۈدەك دۇنيانى زىلزىلىگە سالغۇدەك قىرغىن قىلىش يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئامېرىكا بىلەن ياۋرۇپا ھۆكۈمەتلىرى سۇرىيەنىڭ لىۋىيەگە ئوخشىمىدىغانلىقىنى شۇنداقلا بەشىر ھاكىمىيىتىگە مۇداخىلە يۈرگۈزۈشتىمۇ قىيىنچىلىق مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. لېكىن قىرغىن قىلىش داۋاملاشسا پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق دەلىل-ئىسپاتلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ، ئوباما بۇ ئىشتىن ئۆزىنى چەتكە تارتالمايدۇ.
ئوتتۇرا شەرقتە بىر تەرەپتىن يېقىنقى نەچچە ھەپتىدىن بۇيان رادىكالىزىم يەنە بىر قېتىم ئەۋج ئالدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا شەرق رايونى ھېلىھەم خەلقئارا خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ئاساسلىق ئەندىشە بولماقتا. مىسىر زۇڭتۇڭى مورسي ئۆتكەن ھەپتە «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ئوباماغا قارىتا ئىككى تۈرلۈك تەلەپنى ، يەنى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆتكۈنچى مەزگىلىگە ھۆرمەت قىلىش؛ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا، بۇ قېتىملىق ب د ت يىغىنى ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىلەردىكى پوزىتسىيەسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئېچىلغان. ئوباما سەيشەنبە كۈنى نۇتۇق سۆزلىگەندە بۇنىڭدىكى بەزى مەسىلىلەرنى تىلغا ئالىدۇ، ئىران مەسىلىسى تەبىئىيلا تىلغا ئېلىنماي قالمايدۇ.
[فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ب د ت ، 26-سېنتەبىر تېلېگراممىسى] بۈگۈنكى مۇنازىرىنى كىشىلەرنىڭ سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى ۋە ئىراننىڭ قاتمال ۋەزىيىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان توقۇنۇشقا بولغان ئەندىشىلىك كەيپىياتى قاپلىۋالدى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى كەينى-كەينىدىن نيۇيوركقا بېرىپ، ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەييارلاندى.
ب د ت يىللىق يىغىنىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كېلەر يىلى باشلىنىدىغان بولسىمۇ، لېكىن نەچچە مەيدان مەيدان مۇنازىرىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، نيۇيوركتا قانات يايدۇرۇلغان دەسلەپكى تىركىشىش خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كەلگەن ئېغىر كىرىزىسنى گەۋدىلەندۈردى.
ئىران زۇڭتۇڭى نىجاد قاتتىق تەلەپپۇزدا سۆز قىلىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇننى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ تېھراندىكى ئاتالمىش يادرو قۇرالى تۈرلىرىگە ھۇجۇم قوزغايمىز دېگەن تەھدىتىگە پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ خاس ئەلچىسى ئىبراھىم ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە: سۇرىيەدە قان تۆكۈلىدىغان توقۇنۇشلار كۈنسايىن كۈچىيىپ كېتىۋاتىدۇ، دېدى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ب د ت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى ھىلارى كىلىنتون ئامېرىكىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا مۇسۇلمان رەھبەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تىرىشىپ ياخشىلىماقچى بولىۋاتىدۇ.