ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
مەزكۇر دېتال: يۇۋشىن (有信) يېڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىكەن. تۈنۈگۈندىن بىرى ئىشلىتىپ باقتىم، قارىسام خېلى ياخشى ئىكەن. مېنىڭچە ۋېيشىن (微信) نى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەن تورداشلارنى بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشى مۇمكىن دېگەن ئۈمىدتتە ئورگان بەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت ئاجرىتىپ بۇنى تەرجىمە قىلىپ چىقىشىم ياخشى نەرسىنىڭ تورداشلارغا ئاز-تولا ياردىمى بولارمىكىن دېگەن ئۈمىدتىن ئىبارەت. بۇ دېتال بىلەن مېنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق، پەقەت ئۆزۈم ئىشلىتىپ ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىپ قويدۇم. شۇڭا ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال چۈشەندۈرۈشلىرىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ، ئىدىيەرىڭىزدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
1. يۇۋشىن قانداق نەرسە؟
يۇۋشىن ئۆزى ھەقسىز، يۇۋشىننى ئىشلىتىپ ھەقسىز ئاۋازلىق سۆزلەشكەندە ۋە تور تېلېفونىغا ئۇرغاندا، سۆزلىشىش جەريانىدا ئېقىم سەرپ بولىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن ھەر سىكونتتا 4K ئەتراپىدا ئېقىم سەرپ بولىدۇ. تور تېلېفونىدا قايتۇرما شەكلىدە تېلېفون قىلغاندا، سۆزلىشىشتىن بۇرۇن، ئېقىم مىقدارى 1KB دىن كىچىك (سۆزلىشىش جەريانىدا ئېقىم سەرپ بولمايدۇ) بولۇپ، ئېقىم ھەققى ئېقىم تەمىنلىگۈچى تەرەپ (تېلېگراف، كۆچمە، بىرلەشمە) تىن تۇتۇپ قېلىنىدۇ. شۇڭا سىزنىڭ تور ئېقىم يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بىجىرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، تور تېلېفونىدا ”سۆزلىشىش ھەققى تېپىش“ ئارقىلىق ھەقسىز سۆزلىشىش ۋاقتىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
2.يۇۋشىن ھەقسىزمۇ؟
يۇۋشىن ئۆزى ھەقسىز، يۇۋشىننى ئىشلىتىپ ھەقسىز ئاۋازلىق سۆزلەشكەندە ۋە تور تېلېفونىغا ئۇرغاندا، سۆزلىشىش جەريانىدا ئېقىم سەرپ بولىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن ھەر سىكونتتا 4K ئەتراپىدا ئېقىم سەرپ بولىدۇ. تور تېلېفونىدا قايتۇرما شەكلىدە تېلېفون قىلغاندا، سۆزلىشىشتىن بۇرۇن، ئېقىم مىقدارى 1KB دىن كىچىك (سۆزلىشىش جەريانىدا ئېقىم سەرپ بولمايدۇ) بولۇپ، ئېقىم ھەققى ئېقىم تەمىنلىگۈچى تەرەپ (تېلېگراف، كۆچمە، بىرلەشمە) تىن تۇتۇپ قېلىنىدۇ. شۇڭا سىزنىڭ تور ئېقىم يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بىجىرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، تور تېلېفونىدا ”سۆزلىشىش ھەققى تېپىش“ ئارقىلىق ھەقسىز سۆزلىشىش ۋاقتىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
3. يۇۋشىننىڭ قانچە خىل تېلېفون ئۇرۇش ئۇسۇلى بار؟ ھەق ئۆلچىمى قانداق بولىدۇ؟ ھەر قايسىسى قايسى سۇپىنى قوللايدۇ؟
(1) ھەقسىز ئاۋازلىق تېلېفون قىلىش: ئىككى تەرەپ يۇۋشىن ئابونتى بولۇپ ھەمدە ھەر ئىككىلىسى WiFi/3G شارائىتىدا بولغاندا، پۈتۈنلەي ھەقسىز ئاۋازلىق سۆزلىشىشكە بولىدۇ، iPhone/Android/windows (XP، Vista، WIN7) قاتارلىقلارنى قوللايدۇ.
(2) تور تېلېفونىدا بىۋاسىتە ئۇرۇش: بىۋاسىتە ئۇرۇشتا تاق يۆنىلىشلىك ئۇرۇش شەكلى، مەسىلەن، ئادەتتىكى تېلېفونغا ئوخشاش تېلېفون قىلىش شەكلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. WiFi/3G مۇھىتىدا ئىشلىتىش كېرەك (ئۆلچەملىك ھەق ئۆلچىمى 0.05 يۈەنمىنۇت)، ئەگەر تور GPRS ھالىتىدە بولسا، ئاپتوماتىك ھالدا قايتۇرما ئۇرۇش شەكلىگە ئۆتىدۇ، بۇنداق بولغاندا پاراڭلىشىش ئاۋاز سۈپىتى ياخشى، ئېقىم تىجىلىدۇ، iPhone/Android/Symbian قاتارلىقلانى قوللايدۇ.
4. يۇۋشىندا قانداق تېلېفون ئۇرىمەن؟
(1) يۇۋشىن كۇنۇپكىسى ۋە نومۇر بوراشتىكى ”چاقىرىش (呼叫)“ كۇنۇپكىسى باسسىڭىزلا ئەقلىي ھالدا سىزگە ھەقسىز ئاۋازلىق چاقىرىشنى تاللاپ بېرىدۇ، ئەگەر شەرت ھازىرلانمىسا، ئاپتوماتىك ھالدا تور تېلېفونى شەكلىگە ئالمىشىدۇ.
(2) ”ھەقسىز ئاۋازلىق پاراڭلىشىش (免费语音)“ كۇنۇپكىسىدا، قارىشى تەرەپ يۇۋشىن ئابونتى ۋە تور شەرتىنى قانائەتلەندۈرسە (يەنى WiFi/3G بولسا) بۇ كۇنۇپكا يۇرۇيدۇ، سۈكۈتتىكى ھالىتى ھەقسىز ئاۋازلىق چاقىرىش ھالىتىدە بولىدۇ.
(3) ”تور تېلېفونى (网络电话)“ كۇنۇپكىسى، قارىشى تەرەپ يۇۋشىن ئابونتى بولمىغاندا ياكى توردا بولمىغاندا، مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ، تور ھالىتىگە ئاساسەن ئەقلىي ھالدا بىۋاسىتە ئۇرۇش ياكى قايتۇرمۇ ئۇرۇش (回拨) شەكلىنى تاللايدۇ.
5. تور تېلېفونى سۆزلىشىش ھەققىگە قانداق قىلىپ ھەقسىز ئېرىشكىلى بولىدۇ؟
سىز يۇۋشىن دېتالى ئارقىلىق ”سۆزلىشىش ھەققى تاپسىڭىز“ بولىدۇ. (iPhone ئۈچۈن سوۋغات بېرىلىدۇ)، تىزىملىكتىكى ”ھەركۈنى ئىمزا قويۇش (每日签到)“، ”دوستلارنى تەكلىپ قىلىش (邀请好友)“، ”مۇكاپاتلىق ئىنكاس مەلۇم قىلىش (有奖反馈)“ قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سۆزلىشىش ھەققىگە ھەقسىز ئېرىشىپ، ھەقىقىي ھەقسىز تېلېفون قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايسىز.
دوستانە ئەسكەرتىش: قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق دوستلىرىڭىزنى تەكلىپ قىلغاندا، دوستلىرىڭىز ئۇلىنىشنى چېكىپ ”تىزىملىتىش—ئابونتچىلار تېرمىنالىنى چۈشۈرۈش—دېتالغا كىرىش“ مەشغۇلاتىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئاندىن ئىناۋەتلىك بولىدۇ؛ ”دوستلارنى تەكلىپ قىلىش“ ۋە ”مۇكاپاتلىق مەسىلە مەلۇم قىلىش“ نىڭ مۇكاپاتىنى ”سۆزلىشىش ھەققى تېپىش (赚话费)“ دىن ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ھېساباتىڭىزغا كىرىدۇ.
6. يۇۋشىن ئارقىلىق تېلېفون قىلغاندا كەزمە مۇلازىمەت ھەققى (漫游费) ئېلىنامدۇ؟
يۇۋشىندا ھەقسىز ئاۋازلىق تېلېفون ۋە تور تېلېفونىدا بىۋاسىتە تېلېفون قىلغاندا ھېچقانداق كەزمە مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنمايدۇ. بۇ جەرياندا بەلكىم باشقا جايدىكى ئېقىم ھەققى (异地流量费) ئېلىنىشى مۇمكىن، بۇنى شۇ يەرلىك مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىلەر تۇتۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئېقىم يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ئېچىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. قايتۇرما ئۇرۇش ئۇسۇلىدا ئاۋۋال سىستېمىدىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلىش (شۇ يەرلىك تېلېفون قوبۇل قىلسا ھەقسىز بولغان تېلېفون ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز) كېرەك.
7. يۇۋشىن يانفون ھەققىنى تۇتۇپ قالامدۇ؟
يۇۋشىننى ئىشلىتىپ تېلېفون قىلغاندا تۇتۇپ قېلىنىدىغىنى يۇۋشىن ھېساباتىڭىزدىكى سۆزلىشىش ۋاقتى بولۇپ، يانفون ھەققىڭىزنى تۇتۇپ قالمايدۇ، شۇڭا خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. يۇۋشىن سوممىسى يېتەرلىك بولمىغاندا، ”سۆزلىشىش ھەققى تېپىش“ ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە پۇل قاچىلاش ئارقىلىق سۆزلىشىش ۋاقتىغا ئېرىشسىڭىز بولىدۇ.
8. تېلېفوننى قانداق ئۇرۇش كېرەك؟
مەملىكەت ئىچى مۇقىم تېلېفون: رايون نومۇرى + تېلېفون نومۇرى
مەملىكەت ئىچى يانفون نومۇرى: بىۋاسىتە يانفون نومۇرىنى ئۇرۇش
خەلقئارا مۇقىم تېلېفون: دۆلەت كود نومۇرى + رايون نومۇرى + تېلېفون نومۇرى
خەلقئارا يانفون نومۇرى: دۆلەت كود نومۇرى + يانفون نومۇرى
9. يۇۋشىنغا تىزىملاتقاندا نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي يانفون نومۇرىنى ئىشلىتىش كېرەك؟
يانفون نومۇرىڭىز سىزنىڭ بىردىن بىر كىملىكىڭىزنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن دوستلىرىڭىز ئۆزىنىڭ تېلېفون دەپتىرىدىن سىزنى تاپالايدۇ ھەمدە سىزنىڭ يانفون نومۇرىڭىز يۇۋشىن ھېسابات نومۇرىڭىز بولىدۇ.
10. يۇۋشىن دوستلىرىمنى قانداق پەرقلەندۈرىمەن؟
سىزنىڭ تېلېفون دەپتىرىڭىزدىكى ئالاقىداشلىرىڭىزمۇ يۇۋشىننى قاچىلىغاندا، ئالاقىداشلىرىڭىز تىزىملىكىدە بىر ”يۇۋشىن“ كۇنۇپكىسى بەلگىسى پەيدا بولىدۇ. بۇ بەلگە شۇ ئادەمنىڭ يۇۋشىننى قاچىلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، قارىشى تەرەپ توردا بولسا، ئىككى تەرەپ ھەقسىز ئاۋازلىق سۆزلىشەلەيدۇ.
11. قانداق پۇل قاچىلاش كېرەك؟
دېتال ئارقىلىق، يانفوندا http://m.uxin001.com ئارقىلىق ياكى كومپيۇتېر ئارقىلىقhttp://www.uxin001.com ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە پۇل قاچىلاشقا بولىدۇ. PC ئابونتلىرى ”خۇسۇسىي ھېسابات (个人账户)“ ئارقىلىقمۇ پۇل قاچىلىيالايدۇ.
12. خەلقئارالىق تېلېفونغا ئۇرۇشقا بولامدۇ؟
پۇل قاچىلىغاندىن كېيىن، خەلقئارالىق تېلېفونغا تېلېفون قىلىش ئىقتىدارىنى ئېچىشقا بولىدۇ، خەلقئارالىق سۆزلىشىش ھەققى ئۆلچىمىگە قاراڭ.
13. يۇۋشىنغا قانداق تور مۇھىتى بولۇشى كېرەك؟
يۇۋشىن WiFi/3G/GPRS تور مۇھىتىنى قوللايدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك سۆزلىشىش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، WiFi تورى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى، WiFi دا كەڭبەلباغ يېتەرلىك، سىگنال ياخشى، ھەمدە پۈتۈنلەي ھەقسىزدۇر. PC ئابونتلىرى تورغا ئۇلاپ ئىشلىتىشى كېرەك.
14. يانفون ئالماشتۇرسام يۇۋشىن دوستلىرىم يوقاپ كېتەمدۇ؟
”يۇۋشىن دوستلىرىم“ يانفوندىكى ئالاقىداشلار دەپتىرىنى ئاساس قىلىدۇ، يانفون ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئالاقىداشلىرىڭىزنى ئاۋۋال يۇۋشىنغا زاپاسلىۋېلىشىڭىز كېرەك، ئاندىن يۇۋشىن ھېساباتىڭىز ئارقىلىق ئالاقىداشلىرىڭىزنى يېڭى يانفوندا ئەسلىگە كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ، ”يۇۋشىن دوستلىرىم“ دىكى بارلىق ئالاقىداشلىرىڭىز مەڭگۈ يوقاپ كەتمەيدۇ.