ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەكىم، تىلنىڭ زاغرا ناندەك چاك-چاك يېرىلىپ ئاقىرىپ قېلىشى نىمە ۋەجدىندۇر؟ باشقا ئالامەت يوق، ئاغرىمايدۇ ئېچىشمايدۇ…بۇنىڭغا قانداق چارە باركىن؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
تىلنىڭ زاغرا ناندەك يېرىلىشى ئاساسلىقى جېگەر، تال مىزاجى بۇزۇلۇپ، ئاشقازان سوۋۇپ دېگەندەك سەۋەبلەردىن بولىدۇ. بولۇپمۇ تىل ئاقىرىپ يېرىلغان بولسا ئاشقازان سوۋۇپ كەتكەن ئىھتىماللىق يۇقۇرراق. تىل قۇرغاقچىلىقتىن يېرىلغان ئېتىزلىقتەك يېرىلغان ئەھۋالدا جىگەر، تالنىڭ مىزاجىنى تەڭشەش ئۈچۈن دىنار شەربىتى، بۇزۇرى دېگەندەك دورىلارنى ئىشلىتىپ داۋا قىلغاندا مۇپەررى ئامىلە دېگەندەك ئاشقازاننى كۈچەيتىدىغان دورىلارنىمۇ قوشۇپ ئىشلەتسە ئۈنۈمى ئوبدان بولىشى مومكىن.
ئوزۇقلاردىن قىزىلگۈلقەنت، پىننە گۈلقەنت، بىھى شەربىتى، سۇيۇق-سەلەڭ، كۆكتاتلىق تاماقلار تەۋسىيە قىلىنىدۇ. قورۇما تاماق، كاۋاپ، ئانار شەربىتى، گازىر دېگەنلەردىن پەرھىز تۇتسا ياخشىراق.