ئەنئەنىمىزدە ساغلاملىق ئۈگۈتلىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەكىم. ھەممىمىز ساغلاملىقنىڭ موھىملىقىنى بىلىمىز، شۇنداقلا بۇ ھەقتە كىتاب، گېزىت-ژورناللاردا، رادىئو-تىلۋېزورلاردا، تور بەت، ئۈندىدارلاردا نۇرغۇن ئۇچۇرلار تارقىلىپ دىققىتىمىزگە ئۇرۇلۇپلا تۇرىدۇ. مەنمۇ ساغلاملىق ھەققىدە ئۇچۇرلار ئۇچراپلا قالسا ئوقۇپ قويىمەن، لىكىن بۇ ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلىكىدىن تولىسى يادىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىكەن. ئاندىن يانا تولىسى ئەمەلىي ھاياتىمىزدا قوللانغىلى بولمايدىغان ئەخلەت ئۇچۇرلار ئىكەن. مەن دەيمەن، ھاياتىمىزدا ئەمەل قىلىپ ماڭساق بىر ئۆمۈر ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن پايدىسى بولىدىغان ، ئۆزى قىسقا مېغىزلىق، ئاسان يادىمىزدا قالىدىغان، چۈشۈنۈشلۈك بولغان تەۋسىيەلەر بولسا قەلەم تەۋرەتكەن بولسىڭىز، رەھمەت.

——————————————————————
he7k_20101229202721
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىز ئوتتۇرغا قويغان تېمىنى قىسقە، مېغىزلىق يېغىنچاقلاپ بايان قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، شۇنداقتىمۇ مەن خەلقىمىزنىڭ ياشام ئادىتى، ئەنئەنىۋى تېبابەت تەجىربە-كەچمىشلىرىگە ئاساسەن بىلگەنلىرىمنى يىغىنچاقلاپ باقاي. سىز دېگەن تەلەپكە يېتەمدىم-يوق قاراپ باقايلى.
نامى مىدىتسىنا پېنى بىلەن باغلانغان ئىبنى سىنا ۋە باشقا تېبابەت پىشىۋالىرىنىڭ نەسىھەتلىرىدىن يادىمدا قالغىنى مۇنداق: ھاجەتكە ۋاقتىدا بارماي سۈيدۈكنى كۆپ ساقلاش، تولا ئۇسسۇز قىلىش، زىيادە ئەمگەك، كۈچ ئىشلاردا چېقىلىپ كېتىش، ئاچچىق، تۇزلۇق نەرسىلەرنى كۆپ يېيىش، يېنى يېتىپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، شەھۋەتكە بىرىلىش ، قورساق تويۇپ كەتكۈدك غىزالىنىش، كۆپ ئۇيقۇ دېگەندەكلەردىن ساقلىنىشنىڭ ساغلاملىقنى ئاسراشتا كۆپ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، مەنىۋى جەھەتتىن ھەسەتخورلۇق، سەپرالىق (تىرىككەك، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان)، خىيالپەرەسلىك، جىدەلخورلۇق، ھورۇنلۇق، چۈشكۈنلۈك دېگەندەك ئىللەتلەرنىڭ ئادەمنىڭ تەن-ساقلىقى، روھىي نۇرماللىقى ئۈچۈنمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
ساغلاملىق ئۈچۈن يەنە پاكىزلىققا ئەھمىيەت بىرىش، ئىش-ئەمگەكتىن قاچماسلىق، يېمەك-غىزالارنىڭ، ئىچىدىغان سۇنىڭ پاكىز، يېڭى بولىشى، مېۋىلەرنىڭ تولۇق پىشقان بولىش، پىشمىغان توڭ مېۋىلەرنى يېمەسلىك، شارابقا بىرىلمەسلىك، سەھەر تۇرۇش، كەچتە بالدۇر ئۇخلاش، كېيىنىشتە كەڭرى، ئازادە بولۇش، جىنسىي مۇناسىۋەت لايىقىدا بولۇش، جەلق (قولىدا لەززەتلىنىشتىن ساقلىنىش)، ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىگە شەھۋەت نەزىرىدە قارىماسلىق قاتارلىقلار تەكىتلىنىدۇ.
غىزالىنىشتا مىزاجىغا مۇناسىپ يېمەكلەرنى ئېستىمال قىلىش؛ ئاۋۋال سۇيۇق، سېڭىشلىقىنى ئارقىسىدىن قويۇق، كۈچلۈك يېمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. مەسىلەن ئۈگرە بىلەن كاۋاپ يېمەكچى بولساق ئاۋۋال ئۈگرە ئاندىن كاۋاپ يەيمىز. گۆش يېگەندە كۆكتاتلاردىن، مېۋىلەردىنمۇ يەپ بىرىش.
ئۇزۇنراق ئاچ قالغاندا – تومۇزدىكى رامىزان كۈنلىرىدە يىمەكلىككە ئۇلاشقاندا ئاۋۋال ئازدىن يەپ، توختاپ يېيىش، ئالدىدا سوغۇق، سۇيۇق، يەڭگىل غىزالارنى يېيىش، ئارقىدىن قۇۋۋەتلىكلىرىنى يېيىش لازىم.
ئاچ قورساققا يېڭى پۇشۇرغان قورۇما، كاۋاپ ، گۆش نان ، تونۇردىن يېڭى چىققان نان، سامسا، پولۇ دېگەندەك قۇرۇق ئىسسىق، سەپرانى قوزغاپ قوقاققا تېگىش ئىھتىماللىقى بولغان غىزالارنى ئىستىمال قىلىشتىن بۇرۇن سۇ، سوغۇق كۆكتات، بىرەر بۇردا نان دېگەندەكلەرنى يېۋىتىش، قىززىق تاماقلارنى تېز يېمەسلىك، ئالدىرىماي چايناپ ، يۇمشىتىپ يۇتۇش لازىم. قېتىق، بېلىق، ئەنجۈر، سۈت، گۈرۈچ دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى بىرلا ۋاقىتتا يېمەسلىك لازىم.
ھۆل مىزاج كىشىلەر سېمىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاماقتىن بۇرۇن ياكى تاماق يەۋاتقاندا ئېغىز-يۇتقۇنچاقنى نەملىگۈدەكتىن ئارتۇق ئۇسسۇلۇق ئىچمەسلىك، تاماق يەپ بولۇپ تەخمىنەن يىرىم سائەتلەردىن كىيىن سۇ ياكى باشقا ئۇسسۇلۇقلارنى ئىچىش لازىم.

مەن ئىلگىرى شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن ئىگىلىك سەھنىسىگە چىققاندا ساغلاملىق ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى سۆزلىگەن ئىدىم.

مېنىڭ تېبابەت ئۈگۈنۈش ۋە ئەمەلىي ئىزدىنىش جەريانىدا ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى – ساغلام ياشاپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ھاياتتا مۇنداق ئۈچ ئىش ئىنتايىن موھىمكەن.
1.ئىلمى ئوزۇقلىنىش.
2.توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتى
3.ساغلام روھىي ھالەت
مەن بۇلارنى تۆۋەندىكىدەك شەرھىلەپ باقتىم:
1.ئىلمى ئوزۇقلىنىش – مىزاجغا، بەدەن شارائىتىغا، يېشىغا مۇناسىپ ياقىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش، مىزاجغا ماس كەلمەيدىغان يىمەكلىكلەردىن ساقلىنىش، تەبئىي، ساپ، پاكىز، ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى يۇقۇرى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش، ئوزۇق قىممىتى تۆۋەن، بەدەنگە زىيانلىق ئەخلەت يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش؛
ئەتتىگەندە ھەسەل، گۈلقەنت، سېڭىپ پىشقان نان، ياڭاق، بادام، قۇرۇق ئۈزۈم، خورما دېگەندەك قۇۋۋەت تولۇقلىغۇچى، بەدەننىڭ ئىممۇنېت ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدىغان، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئوزۇقلۇقلاردىن مىزاجىغا ماس كىلىدىغانلىرىنى تاللاپ ئىستىمال قىلىش،
چۈشلۈك تاماققا سۈپەتلىك ياغ، گۆش، كۆكتاتلار بىلەن قىلىنغان قورۇما تاماقلار، كاۋاپ پولودەك يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك تاماقلار …مايلىق، گۆشلۈك تاماقلارنى يېگەندە تۇرۇپ، تەرخەمەك دېگەندەك ئىسىقنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىش، ئاشقازانغا سوغۇق كىلىدىغان ياكى كۆپرەك تاماق يېگەندە ئاشقازاننى ئاسراش، تاماق سېڭدۈرۈش ئۈچۈن پىننە، لاچىندانە، قەلەمپۇر دېگەندەكلەر بىلەن چاي دەملەپ ئىچىپ بىرىش؛
كەچلىك تاماقنى بالدۇرراق، يەڭگىل ئىستىمال قىلىش، داۋاملىق قېنىق دەملەنگەن چاي، قەھۋە ئىچىشتىن ساقلىنىش دېگەندەكلەر.
2.توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتى – بالدۇر يېتىپ سەھەر تۇرۇش، چىش چوتكىلاش ۋە باشقا تازىلىقلارغا ئەھمىيەت بىرىش، بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىش، ناشتىسىز سىرتقا چىقماسلىك، خىزمەت، ئارام ئىلىش مۇۋاپىق بولۇش، ئانانىزىم، زىنا-پاھىشەلەردىن ساقلىنىش، جىنسىي تۇرمۇش ئاز سۈپەتلىك بولۇش، ۋەھاكازالار.

3.ساغلام روھىي ھالەت كۈچلۈك بىر ئىتقاد ئاساسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. روھىيتىنى چۈشكۈنلۈك، ئاچكۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك، ھەسەت، خىيالپەرەسلىك، شەھۋەتپەرەسلىك، قورقۇنچاقلىق، تەلۋىلىك قاتارلىق ئەڭ سەلبىي ئامىللار ئىگەللىۋالغانلارنىڭ ئەسلىدىنلا تەربىيلەپ يېتىشتۈرىدىغان كۈچلۈك بىر روھىي تايانچىسى يوق، ياكى خاتا ئىتقاد، ناتوغرا جەمئىيەت تەسىرى پەيدا قىلغان روھىي بىسىملار، ئائىلە كىلىپ چىقىشى، بالىلىق دەۋرىدە يېتىلىپ قالغان ئاجىز خاراكتىر، چوڭلاردىن يۇقتۇرۋالغان سەلبىي تەسىر قاتارلىقلار كىشىلەردە ئاشۇ خىل ساغلام بولمىغان روھىي ھالەتلەرنى پەيدا قىلغان بولىشى مومكىن.
ھەر خىل نېرۋا كېسەللىكلەر، يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرى، ھەتتا ئاشقازان – ئۈچەي ، جىگەر كېسەلىكلىرىگىچە روھىي كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇلار ساغلام بولمىغان روھىي ھالەتنىڭ تەن ساقلىقىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەرسىرلىرىدۇر.
ساغلام بولمىغان روھىي ھالەتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدە باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ئاۋارچىلىق ھېسابلاپ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقىنىغا پەرۋا قىلماسلىق، 2012-يىلى قىيامەت بولىدۇ سەپسەتىسىنىڭ كۈچلۈك ۋەھىمە پەيدا قىلىشى دېگەندەكلەرنى مىسالغا ئىلىشىمىز مومكىن.
مەن روھىي ساغلامىلىق ھەقتە ئارتۇق توختالماي، بۇ ھەقتىكى قالدى مەزمۇنلار روھىيەت تەربىيچىلىرىگە تەۋەدۇر.
– مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...