-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40071415.html
«بايلىق كۆزى»ڭىزنى يوغان ئېچىڭ
ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىراقلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشى ناتايىن. ئۇنداقتا نامراتلىقتىن چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن چېغىڭىزدا قانداق قىلىپ بېيىيالايسىز؟ سىزدە بېيىش ئارزۇسىلا بولىدىكەن، بۇ تەس ئەمەس. ئىشەنمىسىڭىز نەزىرىڭىزنى تۆۋەندىكى قۇرلارغا ئاغدۇرۇڭ:
نەنچاڭ شەھىرىدە بىر ستۇدېنت بىر سائەت «بازار تەھلىلى» دەرسى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كاللىسىغا ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىي مەشىقتە كىيگەن كىيىملىرى ۋە ئاياغلىرىنى يېزىلارغا ئاپىرىپ سېتىش ئويى كېلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوقۇغۇچىلار ھەربىي مەشقتە كىيگەن نەچچە يۈز قۇر كىيىمنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىپ، يۇرتىغا ئاپىرىپ دېھقانلارغا سېتىپ نۇرغۇن پايدا ئالىدۇ. بۇ سىتۇدېنتنىڭ بېيىش ئارزۇسى بولغاچقا، باشقىلار بايقىيالمىغان پۇل تېپىش پۇرسىتىنى بايقىغان، شۇڭا ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.
جېڭجۇلۇق خۇاڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ زېرەكلىكىگە تايىنىپ سودا ئۇچۇرلىرىنى قېزىپ چىقىپ، پۇل خەجلىمەي پۇل تاپىدىغان سودىنى قىلغان.
ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇ كاماندروپكا مۇناسىۋېتى بىلەن ئىچكى مۇڭغۇلغا بېرىپ، بىر سورۇندا ئىچكى مۇڭغۇلدا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرغان بىر كورىيىلىك خۇجايىن بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ئۇ كورىيىلىك خوجايىننىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا مۇۋاپىق ئورۇن تېپىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ جېڭجغا قايتقاندىن كېيىن، ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرۈپ، ئاخىرى بىر كوچا باشقارمىسىنى تاپىدۇ ھەمدە بۇ ئورۇننىڭ «سىرتتىن مەبلەغ جەلپ قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش» توغرىسىدىكى رەسمىي توختامنامىسىنى قولىغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ ۋاسىتىچىلىك قىلىشى بىلەن ھېلىقى كورىيلىك سودىگەر جېڭجۇغا مەبلەغ سېلىپ، بىر سۇ ئۆتكۈزمەس ماتېرىيال شىركىتى قۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خۇاڭ ئەپەندى ھېلىقى كوچا باشقارمىسىدىن 50 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئالىدۇ، تېخى ھېلىقى كورىيىلىك خۇجايىن ئۇنى كورىيىدىكى باش شىركەتكە بېرىپ ئىشلەشكە تونۇشتۇرىدۇ.
خۇاڭ ئەپەندىنىڭ بېيىش تاكتىكىسىنى «ئۇچۇر بايقاش ــ ۋاسىتىچىلىك توختامى (مۇكاپات ئېلىش ۋەدىنامىسى) تۈزۈش ـــ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ـــ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ، ۋاسىتىچىلىك ھەققىگە ئېرىشىش» دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
50 يۈەن بىلەن جېڭجۇغا تونۇلغان شاڭ چۈەنخەي ئىلگىرى ناھايىتى تەستە بىر تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىدىن ئىش تاپقان. ئۇ ئىككى يىللىق ئىشلەمچىلىك ھاياتىدا ئىنتايىن قىزغىن، ئايىغى چاققان بولۇپ ئىشلەيدۇ، خۇجايىنىغا سودا توغرىسىدا بەزى ياخشى مەسلىھەتلەرنىمۇ بېرىدۇ. كېيىن خوجايىنى ئۇنىڭ سەمىمىيىلىكى ۋە سودىدىكى ماھارىتىنى كۆرۈپ، بۇ سودا سارىيىنى ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولىدۇ.
شاڭ چۈەنخۈينىڭ يېتەرلىك دەسمايىسى، مال مەنبەسى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش تەجرىبىسى بولمىغاچقا، دەسلەپتە بۇ سودا ساراينى ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇ بىر ھەپتە قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، سودا ساراينى ئېلىشقا قوشۇلىدۇ ھەمدە خۇجايىندىن سودا ساراينى قايتىدىن بېزەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ سودا ساراينى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن نەچچە يۈز يۈەن خەجلەپ، گېزىتكە سودا ساراينى ئىجارىگە بېرىش توغرىسىدا ئېلان بېرىدۇ، ئېلان بېرىلگەندىن كېيىن، ئىجارىگە ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. شاڭ چۈەنخەي 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدىغا ئېرىشىدۇ.
نۇرغۇن بايلار قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكۈر بايقاش ئىقتىدارى ۋە جۈرئىتىگە تايىنىپ، زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بېيىغان. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، «بايلىق كۆزى»ڭىزنى يوغان ئېچىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلا بولسىڭىز، بېيىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.
ئابدۇرېشىت مىجىت تەرجىمىسى
收藏到:Del.icio.us
«بايلىق كۆزى»ڭىزنى يوغان ئېچىڭ
Blog:ئەرتۇغ بىلوگى2009-06-08 00:08:06
评论