-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/yolbash-logs/41117946.html
قول تۇتۇشۇپ ماڭىدىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ
ياپونىيىلىك ئالىملار دۇنيادىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشلەرنى تەكشۈرگەندىن كېيىن چىقارغان يەكۈندە مۇنداق دېيىلدى: ئادەتتە قول تۇتۇشۇپ ماڭىدىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ.ئاجرىشىپ كەتكەن ۋە ھەمراھىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشلەرنى تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك ۋە دائىم قول تۇتۇشۇپ ماڭىدىغان ئەر-خوتۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاياللارنىڭ ئۆمرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش يىل، ئەرلەرنىڭ ئۆمرى 12يىل قىسقىرايدىكەن؛ ئەر-خوتۇنلار ئىناق بولمىسا ياكى داۋاملىق ئۇرۇش-جېدەل قىلىپ يۈرسە، ئاياللار ئاسانلا سۈت بېزى ۋە ئۈچەي راكىغا؛ ئەرلەر يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا يامان سۈپەتلىك كېسەللەرگە ئاسانلا گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن.
مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دېدى: قول تۇتۇشۇپ يۈرۈش ئىنتايىن ئاددىي بىر ھەرىكەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە تەننىڭ مېھرىبانلارچە ئۇچرىشىشىنىڭ، ئۆزئارا يار-يۆلەك بولۇش ۋ ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئىپادىسى؛ تېخىمۇ مۇھىمى، قول تۇتۇشۇپ مېڭىش ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى روھىي ئارىلىقى قىسقارتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يامان سۈپەتلىك كەيپىياتنىڭ غىدىقلىشىدىن ساقلانغىلى، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى، ئىچكى ئەزالارنىڭ قېرىش قەدىمىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ.
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
历史上的今天:
ئىنكاسلار ۋە جاۋاپلار