-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/yolbash-logs/110379886.html
تورداشلارغا نورۇزلۇق سالام!
بىلوگۇمغا يېڭى مەزمۇن يوللىمىغىلى ئۇزۇن بولۇپ كەتتى، سەۋەبى يېقىننىڭ ياقى بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. شۇ ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن خاسىيەتلىك نورۇز ـــ ئەنئەنىۋى مىللىي يېڭى بايرىمىمىزدىمۇ ھەر قايسىڭلارغا سالام يوللىيالمىدىم. خەيرىيەت، بۈگۈن ئالدىراشلىقلارمۇ پەسكويغا چۈشتى. گەرچە نورۇزنىڭ 1 – كۈنى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەجدادلىرىمىز بۇرۇنقى زامانلاردا نورۇز داغدۇغىسىنى 3 كۈندىن 15 كۈنگىچە قىلىشار ئىكەنتۇق. شۇڭا مەن كېچىكىپ بولسىمۇ، ھەر قايسىڭلارغا نورۇزلۇق ـــ يېڭى يىللىق سالام يوللاشنى لايىق كۆردۈم. نورۇز بايرىمىڭلارغا يەنە بىر قېتىم مۇبارەك بولسۇن، يېڭى يىلدا قادىر ئاللا ئىگەم ھەر بىرىمىزگە تىنچلىق، ئامانلىق – ئېسەنلىك، خاتىرجەملىكنى بەرگەي، ئىشلىرىمىزغا بەرىكەتلەر، نۇسرەتلەر ۋە ئاسانلىقلارنى ئاتا قىلغاي!
نورۇز خاسىيەتلىك بايرام. بۇ كۈنى بىز يېڭى بىر يىلغا قەدەم قويىمىز. شۇنىڭدىن شادلىنىمىزكى، گەرچە نورۇز بايرىمىمىز بىزنىڭ قانۇنلۇق بايرام كۈنىمىز قىلىپ بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، خەلقىمىز بۇ كۈننى ئۇنتۇپ قالماي، بارلىق تۈركىي، پارىسىي خەلقلەرگە ئوخشاش ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، خاتىرىلەپ كېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇ بايرامنى تەبرىكلەش داغدۇغىسى يىلسېرى كۈچەيمەكتە. بۇ يىل كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، بۇ يىللىق نورۇزنى تەبرىكلەش پائالىيىتى پايتەخت بېيجىڭدا «بېيجىڭدا نورۇز مەشرىپى» ناملىق سەنئەت كېچىلىكى بولۇپ ئۆتكۈزۈلۈپ، داغدۇغىسى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپتۇ. بۇ ھەرگىز كىچىك ئىش ئەمەس، ناھايىتى كاتتا بىر ئىش دوستلار. ئەلۋەتتە، ئىشىنىمەنكى، بۇ پەقەتلا بىر باشلىنىش، بۇنىڭدىن كېيىنكى نورۇزنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ مول، تېخىمۇ دەبدەبىلىك ئۆتكۈزۈلگۈسى...
ئاخشام بۇ سەنئەت كېچىلىكىنى تېلېۋىزوردىن كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم، شادلىققا چۆمدۈم. ئەپسۇسكى، تېلېۋىزورنى بەك كېچىكىپ ئېچىپتىكەنمەن. پەقەت ئاخىرىدىكى 15 – 20 مىنۇتلۇقتەكلا يېرىنىلا كۆرەلىدىم. قەلبىمدە ھاياجان.
دىيارىمىز ئۈچۈن بۇ يىل نورۇزلۇق خۇش خەۋەر كۆپ، دىيارىمىزدىن چىققان ئوغلانىمىز مىرئەخمەتجان مۇزەپپەر بۇ يىل دۆلەت پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ، دۆلەت پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان تۇنجى ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرى بولۇپ قالدى! شۇنداقلا ئۇ گولاندىيەدىكى داڭلىق كۈچلۈك پۇتبول كۇلۇبى ئاجاكىس كولۇبىنىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، 4 – ئايدا گوللاندىيەگە مېڭىشى مۇمكىن. يەنە بىر ئوغلانىمىز بارى 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا پۇتبول كۇلۇبلىرى چىمپيونلۇقنى تالىشىش بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە جېجياڭ لۈچېڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن توپ ئويناپ، قالتىس توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ نام چىقاردى. ئۇ ھازىر دۆلەتلىك ياشلار ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ ئەزاسى. دېمەك، پۇتبولچىلىمىز دۆلەتكە ۋاكالىتەن توپ ئوينايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. بۇمۇ ئەلۋەتتە بىر باشلىنىش، بۇنىڭدىن كېيىن، مەملىكەتنىڭ پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئوغلانلارنى، پۇتبول چولپانلىرىنى كۆرەلىشىمىزدىن ئۈمىد زور. ئۇلار كېيىنكىلەر ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى! بۇنىڭدىن خەلقىمىز سۆيۈندى
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ساخاۋەتلىك كاۋاپچى ئالىمجانغا ئوخشاش ئوغلانلارنى چىقتى. ئۇلارنىڭ چىقىشى مەملىكەتكە پۇر كەتكەن «ئوغرى، ئۇچى، بۇچى» دېگەندەك سىسىق نامىمىزنى ئازراق بولسىمۇ ئاقلاشقا پايدىلىق.
يەنە بىر نورۇز كەلگۈچە تېخىمۇ كۆپ ئوغلانلىرىمىزنىڭ چىقىپ، بىزنى سۆيۈندۈرىشىگە تىلەكداشمەن!