-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/yolbash-logs/78393451.html
مىللەت ھەققىدە
سۆيىمەن دەيدۇ ھەركىم مىللىتىنى،
مىللەتنى ساتقۇچىمۇ دەيدۇ شۇنى.
سۆيۈشنىڭ راست – يالغىنى شۇندىن ئايان:
يەمدۇ – يوق مىللىتىنىڭ قايغۇسىنى.
تىللىساڭ ھامان باشقا مىللەتنى سەن؟
بولامسەن مىللىتىڭنىڭ قەھرىمانى؟
مىللەتكە باشلاپ كېلەر يېتىمچىلىك،
مىللەتنىڭ مۇنداق نادان مېھرىبانى.
ئۇ مىللەت پۈتۈنلەيلا داشقال بولۇپ،
بۇ مىللەت كەم – كۈتىسىز ئالتۇن ئەمەس.
ئۇ مىللەت پەگادىكى پالاس بولۇپ،
بۇ مىللەت تۆرگىلا خاس دۇردۇن ئەمەس.
مېغىزى، شاكىلى بار ھەر نەرسىنىڭ،
ئەي ئەقىل، شۇنداق چۈشەن مىللەتنىمۇ.
بېيىيدۇ مىللەتنىڭ پەزىلىتى،
چۈشەنسە ئۆزىدىكى ئىللەتنىمۇ.
ياراتقان سېسىقلىققا سەسكىنىشنى،
چىقارغان خۇش پۇراققا ئىشتىياقنى.
يۇيماستىن سېسىقىنى، ماختانسا كىم،
بۇلغايدۇ ئۆزىدىكى خۇش پۇراقنى.
1918 – يىل 1 - ئاي
历史上的今天: