ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • غۇلجا تەسىراتلىرى (1)

    2010-12-27


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/yolbash-logs/93595882.html

    غۇلجا تەسىراتلىرى (1)

     

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قۇربانلار خاتىرە سارىيى

     

     غۇلجا ـــ مەن ئۇزۇندىن بۇيان بېرىشنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدىغان يۇرتلارنىڭ بىرى ئىدى. چۈنكى غۇلجا شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ۋەقەلەرنىڭ بىرى ـــ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغان جاي ئىدى. مېنىڭچە بۇ توغرىلىق كۆپ سۆزلىمىسەممۇ تورداشلارنىڭ كۆپىنچىسى «ئانا يۇرت»، «ئىلى دۇلقۇنلىرى» قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان كىتاب – رومانلارنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى يىللىرى ئۇيغۇرچە تورلاردا تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇننىڭ «چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر»، «موسكۋا خىياللىرى»، «سىتالىننىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇيغۇرلار» قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ھەقىقىي سىرى تەپسىلىي ئېچىپ بېرىلگەن ئىلمىي ئەسەرلىرى بەستە – بەستە ئېلان قىلىنىپ، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. شۇڭا بۇ توغرىدا سۆزلىشىم ئارتۇقچە.

       گەپنىڭ پوسكاللىسى، 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى غۇلجىدىن ئىبارەت بۇ ھەم گۈزەل، ھەم نۇرغۇن قەھرىمانلىق داستانلىرى پۈتۈلگەن زېمىنغا بېرىش نېسىپ بولدى، ئۆزۈم كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان جايلار ــ يەنى ئىلى دەرياسى ۋە ئىلى دەرياسى كۆۋرۈكى، قازانچى مەھەللىسى، بەيتۇللا مەسجىتى، تەشلەپكە، خەلق باغچىسى ــ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قۇربانلار خاتىرە سارىيى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ كۆردۈم، ئايلاندىم. كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان دوستلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ ئەسرالاشتىم. ئەخمەتجان قاسىمى، غېنى باتۇر ۋە مەن ئىسمىنى بىلىدىغان - بىلمەيدىغان تالاي ئىنقىلابچىلارنىڭ قەدەم ئىزلىرى تەگكەن، ھۆرلۈك - ئەركىنلىك، ئازادلىق يولىدا ئىسسىق قانلىرىنى تۆككەن، شېھىتلار كۆمۈلگەن بۇ ماكاننى ھۆرمەت بىلەن ئارىلىدىم، ئىزلىرىنى ئىزدىدىم....كىتابلاردىن ئوقۇپ ئېسىمدە قالغان تارىخىي ۋەقەلەرنى ئەسلىدىم؛ ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى يېنىدىكى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق بەش مەرھۇمنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ روھلىرىغا ئاتاپ دۇئا قىلدىم؛ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى خاتىرە سارىيىنى ۋە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن سېلىنغان ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي – مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدىم...

      ئومۇمەن، بۇ قېتىمقى غۇلجا سەپىرىم كۆڭۈللۈك ۋە ئەھمىيەتلىك سەپەر بولدى. بۇ سەپەردىكى ھاسىلاتىم سۈپىتىدە تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرلىنىشىغا سۇندۇم. ئالدى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قۇربانلار خاتىرە سارىيى ۋە باشقىلارغا ئائىت سۈرەتلەر...

     

     

     

    خاتىرە سارىيىنىڭ دەرۋازىسى. ئۇدۇل ماڭسىڭىز، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، ئوڭ تەرەپتىكىسى خاترە ساريى 

    بۇ ئابىدە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق بەش مەرھۇمنىڭ قەبرىستانلىقىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە ئۈچ خىل يېزىقتا مۇنۇلار ئۇيۇلغان ئىكەن «مىللىي ئازادلىق، خەلق دېموكراتىيەسى يولىدا قۇربان بولغان يولداش ئەخمەتجان قاسىمى، يولداش ئىسھاقبەك مونونوۋ، يولداش ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، يولداش دەلىلقان سوگۇربايېۋ ۋە يولداش لوزىلارنىڭ روھى مەڭگۈ ياشايدۇ».

                    ماۋزېدوڭ             1949 – يىل 22 - ئۆكتەبىر

     

     

     

    ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ يېڭىدىن ئورنىتىلغان ھەيكىلى ئالدىدا

    ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ يېڭىدىن ئورنىتىلغان ھەيكىلى

     

     

     

    ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلرنىڭ قەبرىسى

     

     

     ئەخمەتجان قاسىمى قەبرىسى ئالدىدا 

     

     

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى خاتىرە سارىيى. ئوقۇشۇمچە بۇ ساراينى قايتا رېمونت قىلىپتۇ، 2010 - يىل 10 - ئايلاردا قايتا ئېچىۋېتىپتۇ.

      

     

     سارايغا قويۇلغان بۇيۇملار: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە مىللىي ئارمىيەگە تارقاتقان بىر قىسىم مېدال ۋە پاگونلار

     

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە مىللىي ئارمىيە ئوفېتسىرلار كىيىمى

     

    مىللىي ئارمىيە ئوفېتسىر - ئەسكەرلىرى كىيگەن باش كىيىم

     

     

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى بىر قىسىم نەشىر بۇيۇملىرى ۋە ھۆججەتلەر

    خاتىرە سارىيىغا قويۇلغان رەسىملەر.خاتىرە سارىيىدا رەسىملەر بىر قەدەر كۆپ، ماددىي بۇيۇم سەل ئاز ئىكەن. ھەممىنى چىقىرىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قاراپ، بۇ رەسىمنىلا چىقاردىم.

     

     

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي – مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى. بۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىگە مۇنۇلار يېزىلغان ئىكەن: 

      ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي – مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىن قالغان مۇھىم سىياسىي تارىخىي قىممەتكە ئىگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1948 – يىلىنىڭ بېشىدا ياسىلىشقا باشلىنىپ، 1949 – يىلى يازدا پۈتكەن. قۇرۇلۇش پارات مۇنبىرى، تىياتىرخانا ۋە سەھنە قاتارلىق ئۈچ بۆلەكتىن تەركىپ تاپىدۇ، خىش – ياغاچ قۇرۇلمىلىق .ئىككى قەۋەت پارات مۇنبىرى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى پارات قوبۇل قىلىش، زور ئاممىۋى يىغىلىش، ھەربىي ئىشلار، مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ياسالغان. كۆركەم يازلىق تىياتىرخانا، سەھنە بىناسى ئاستىدا سازەندىلەر ئورنى ياسالغان. ياز پەسلىدە ھەر مىللەت ئاممىسىغا كىنو ۋە كونسېرت قويۇپ بېرىش ئەينى چاغلاردا مۇھىم مەدەنىيەت پائالىيىتىگە ئايلانغان ئىدى. ئازادلىقتىن كېيىن بۇ قۇرۇلۇش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن لايىقىدا قوغدالدى. تەبىئىي كونىراش، چىرىش تۈپەيلىدىن ئېغىر ھالدا بۇزۇلغان ئىدى.1990 – يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قاتارىدا قوغدىلىدىغان ئورۇن دەپ ئېلان قىلىندى. 1991 – يىلى رېمونت قىلىشنىڭ تەييارلىقى ئىشلىنىپ، 1992 – يىلى 3 – ئايدا رەسمىي باشلاندى. يېرىم يىلدا قۇرۇلۇشقا 200 مىڭ  يۈەن مەبلەغ سەرپ قىلىنىپ، بۇرۇنقى قىياپىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

        ئىلى ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش – باشقۇرۇش ئورنى

     

     

     

     

    مەركەزنىڭ يېقىن كۆرۈنۈشى

     

     

    مەركەزنىڭ ئىچى

       پارات كۆرۈش مۇنبىرى

      يازلىق تىياتىرخانا، بۇ يەردە بىر زامانلاردا ئەخمەتجان قاسىمى، غېنى باتۇرلار ۋە مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى سەرخىل نومۇرلاردىن ھوزۇرلانغان بولغىيتتى ھە؟!

     

     

      ئىككىنچى قەۋەت ئىشخانا ئۆيلىرى.بۇ ئىشخانىلاردىمۇ ئەخمەتجان قاسىمى ۋە باشقا ئىنقىلابچىلارنىڭ ئىزى قالغان...

    分享到:

    评论

  • ياخشى تىما يوللاپسىز ئاللاھ قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن
    YOLBASH回复بايلىق说:
    رەھمەت بۇرادەر، بۇنىڭدىن كېيىن بىلوگۇمغا داۋاملىق كىرىپ تۇرۇڭ، ئانچە - مۇنچە تەشۋىقمۇ قىلىپ قويارسىز...
    2011-01-20 21:57:54
  • ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسەن، قەلىمىڭگە ئاللا ئىگەم بەرىكەت بەرگەي!!!
    YOLBASH回复مۇخبىر说:
    رەھمەت بۇرادەر، بىلوگۇمغا داۋاملىق كىرىپ ئىنكاس يېزىشىڭنى قارشى ئالىمەن!
    2011-01-18 12:52:15
iframe name="hiddenIFrame" id="hiddenIFrame" width=0 height=0>