ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • 2012 ـ يىلغا تەييارلىقىڭىز بارمۇ؟

    2011-12-28


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/yolbash-logs/183777362.html

    2012 ـ يىلغا تەييارلىقىڭىز بارمۇ؟

     

     

    يېڭى يىل كىرەي دەپ قالدى، بىر يىل تۈگەپ يېڭى يىل باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. دوستۇم، بۇ يىلنى نېمە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزدىڭىز؟ نېمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولدىڭىز؟ قانداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلدىڭىز ۋە قانداق ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى قىلدىڭىز؟ تۇرمۇشتىن قانداق ھەقىقەتلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟ قانداق خۇلاسىلەرنى يەكۈنلىدىڭىز؟ نېمىلەرگە ئېرىشتىڭىز؟ نېمىلەرنى بەدەل قىلدىڭىز؟

    يېڭى يىل ھەققىدە ئويلىغانلىرىڭىز بارمۇ؟ كېلەركى يېڭى بىر يىلدا قانداق ئىشلارنى قىلىشنى كۆڭلىڭىزگە پۈكتىڭىز؟ ئەھۋالىڭىزنى قانچىلىق دەرىجىدە ئۆزگەرتمەكچىسىز؟ بۇلار ھەققىدە ئانچىكىم بولسىمۇ ئويلىشىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى مەنچە، ئادەمدە ئۆتمۈشتىن خۇلاسە چىقىرىدىغان، ئەتە ئۈچۈن ئويلىنىدىغان ئادەت بولسا ياخشى. كەچمىشلىرىڭىزنى خۇلاسىلەپ تۇرسىڭىز، ئەقىل تاپىسىز. ئارزۇ بولسا كۈچ ـ قۇۋۋەت تاپىسىز. كەلگۈسىڭىزگە نىسبەتەن خالىغان ئارزۇنى قەلبىڭىزگە پۈكۈڭ، بەلكىم بۇ ئارزۇيىڭىز ھازىرقى ئەھۋالىڭىزدا ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىڭىزدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن، لېكىن كېرەك يوق. چۈنكى ئارزۇ شۇ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۆنىلىشىگە يېتەكلەيدۇ.

    分享到:

iframe name="hiddenIFrame" id="hiddenIFrame" width=0 height=0>