ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • ھايات تەلقىنىلىرى

    2009-04-14


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/yolbash-logs/37866942.html

    ھايات تەلقىنلىرى

     

     

    ياشاش تەس، تۇرمۇش جاپالىق ۋە ئازابقا تولغان.

    ھاياتلىق مىسالى بىر چۆل، سەن بۇ چۆلگە مەجبۇرەن قەدەم قويغان نائىلاج كارۋان سەن. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ سەپەر ھامان بىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. سەن سەپىرىڭنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر، سەن بېسىپ بولغان قەدەملىرىڭگە قايرىلىپ قاراشقا ھوقۇقلۇق، ئەمما بېسىپ بولغان يوللىرىڭنى يەنە بىر  رەت بېسىشقا ئىلاجىسىزسەن.

       شۇنىسى بەختىڭكى، سەن بۇ سەپەردە يالغۇز ئەمەسسەن. ھەمسەپەرلىرىڭ كۆپ، سەن بۇ سەپەرنىڭ تۇنجى كارۋىنى ئەمەس، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقىسىمۇ ئەمەس. سەندىن بۇرۇن ئۆز سەپىرىنى تاماملاپ بولغانلار كۆپ، سەن بىلەن بىللە باشلىغانلار تالاي، ئوخشاشلا كەينىڭدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلار ۋە كېلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭنى غېرىپ، تەنھا ھېس قىلماسلىققا تامامەن ھوقۇقلۇقسەن.

       بۇ چۆلدە كارۋان كۆپ، ھالبۇكى، ھەر كىمنىڭ مەنزىلى باشقا – باشقا؛ بۇ چۆلدە يول كۆپ، ۋە لېكىن سەپىرىڭ ئۇزارغانسېرى يول تېپىشىڭ تەسكە توختايدۇ،مەنزىلىڭنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى پات – پات يىتتۈرۈپ قويىسەن. گاھىدا يات بىر مەنزىللەرگە بېرىپمۇ قالىسەن.

       شۇ چاغ ياشاشنىڭ، بۇ سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ھەمدە ئاداققى غايە مەنزىلىگە تۇتۇشىدىغان بىر يولنى تېپىشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى ھېس قىلىسەن: «قانداق ياشايمەن ۋە قانداق قىلىپ غايە مەنزىلىمگە يېتىمەن؟» دېگەن سوئال ھەر قاچان سېنى گاڭگىرىتىدۇ. يەنە شۇ چاغ سەن ئۆزۈڭنىڭ ساڭا ياشاش ئۇسۇللىرىدىن تەلىم بېرىدىغان بىر دانا ئۇستازغا تولىمۇ مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئەلەم ئىچىدە ھېس قىلىسەن، ھېس قىلىسەندە، ھەمسەپەرلىرىڭ ئىچىدىن شۇنداق لاياقەتلىك «ئۇستاز» نى ئىزدەيسەن. ئەگەر ھەمسەپەرلىرىڭ ئىچىدىن تەسەۋۋۇرۇڭدىكىدەك «خىزرىر سۈپەت ئۇستاز» نى تاپالىساڭ، ئۇنى ئۆزۈڭگە ئەبەدىيلىك ئۇستاز قىلىپ تۇتماقچى بولىسەن، خۇددى ئىلتەرىش، قاپاغان قاغانلار دانىشمەن بىلگە تۇنيۇقۇقنى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن پەيلاسوپ ئارستوتىلنى، ليۇ بېي پاراسەتلىك جۇ گېلياڭنى، ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمان بۇغرا قاراخان مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئۆزلىرىگە ئۇستاز تۇتقاندەك. نىھايەت، سەن ئۇنداق ئەقىل پاراسەتنىڭ ھامىيلىرى بولغان دانىشمەن كىشىلەر ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى كىچىك چاغلىرىڭدا موماڭنىڭ چۆچەكلىرىدىن، كىتابلاردىن ۋە كىنو فىلىملەردىن كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان، رېئاللىقىتىن بولسا ئۇنداق كىشىلەرنى تېپىش بەسىي مۈشكۈل.

      چۈنكى، سەن ياشىغان رېئاللىق باشقا، ئۇچقاندەك يۈكسەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بۈگۈنكى دەۋردە ھەممە كىشى ئالدىراش، ھەممە كىشى ئۆز سەپىرىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە.

       دەر ھەق، قانداق ياشاش ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم. غايە مەنزىلىگە تۇتاشقان ۋە ئۆزۈڭگىلا ماس كېلىدىغان بىر يولنى تاللاش ۋە تېپىش بولسا تولىمۇ جاپالىق. قانداق ياشاش ھەققىدە ھېچقاچان بىر قىلىپ بولغان ئەمەس. ئەمما سەن ياشاش ئۇسۇلىنى ھېچنەدىن ئۆگىنىۋالالمايسەن. ھەتتا زامانەڭدە شۇ دەۋرگە ئېھتىياجلىق ھەر قانداق قىممەتلىك بىلىملەرنى بېرەلەيدىغان ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىمۇ ساڭا قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىپ قويالمايدۇ. مانا بۇ ئەقىل – ئىدراكقا ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ، روھىيەتكە سەل قارايدىغان «زامانىۋى مائارىپ» نىڭ ئەڭ ئېغىر نۇقسانى...

         قايمۇقۇش، چاڭقاش ۋە تالاي ئىزتىراپلار بەدىلىگە ئاخىرى سەن سېنى قۇتقۇزالايدىغان، ئاداققى غايە غايە مەنزىلىگە يېتىشىڭگە ياردەم بېرەلەيدىغان بىردىنبىر كىشىنى بايقايسەن، بايقايسەندە، ھەيرەت ئىلكىدە تۇرۇپ قالىسەن!

        ئۇ كىشى ـــ دەل ئۆزۈڭ. چۈنكى سەن ئۆزۈڭنىڭ ھايات سەپىرىدىكى بىردىنبىر، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ھەمراھى. «ئۆزۈڭنى چۈشەن، ئۆزۈڭنى تونۇ!»

      ئاپتورى: ئېلى جامال

    分享到:

    评论

  • 好欣赏
iframe name="hiddenIFrame" id="hiddenIFrame" width=0 height=0>