ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • قۇمۇل قوشۇنلىرىغا ئائىت بىر پارچە سۈرەت

    2009-04-15


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37921653.html

    قۇمۇل قوشۇنلىرىغا ئائىت بىر پارچە سۈرەت

     

       ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ "ئويغانغان زېمىن" ناملىق رومانىنى ئوقۇغانلارنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن. ئەينى ۋاقىتتا خوجىنىياز ھاجىلار شىڭ شىسەيگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن گەنسۇدىكى ئاچ قالغان باندىت ماجۇڭيىڭنى ياردەمگە چاقىرغان. بىز روماندىكى تەسۋىرلەردىن قۇمۇل قوشۇنلىرىنىڭ بۇ تۇڭگانلارنى قانداق قارشى ئالغانلىقىنى، كېيىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىنى ئوقۇغان ئىدۇق. شۋېتسىيىلىك داڭلىق ئېكسپېدىتسىيىچى سېۋىن ھېدىن ئەينى ۋاقىتتا ماجۇڭيىڭ بىلەن ئۇچراشقان. ماجۇڭيىڭ ئۇنىڭغا بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىكلەرنى تېپىپ بەرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ "قاچقۇن ماجۇڭيىڭ" دېگەن كىتابىدا بۇ  باندىت ھەققىدىكى نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى بىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن. تۆۋەندىكى بىر  پارچە سۈرەت قۇمۇل قوشۇنلىرىنىڭ ماجۇڭيىڭغا قوشۇلۇش ئۈچۈن ماڭغان ۋاقتىدا تارتىلغان. بۇ سۈرەتنى سېۋىن ھېدىن ئۆزىنىڭ "1927-1935 يىللاردىكى ئاسىيا ئېكسپېدىتسىيە تارىخى" نىڭ 3-تومىغا قىستۇرما قىلىپ بەرگەن. بۇ سۈرەتنى كۆرگەندىن كىيىن بىزئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تەسۋىرلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق ئەسكە ئالالايمىز. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ بۈگۈنىمىز ئۈچۈن قانچىلىك جاپا-مۇشەقەت تارتقانلىقىنى ئاز تولا بولسىمۇ چۈشىنىپ يېتەلەيمىز

    .

     

     

    مەنبە: ئاققۇش ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تارىخ تور بىكىتى

     


    收藏到:Del.icio.us




iframe name="hiddenIFrame" id="hiddenIFrame" width=0 height=0>