-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/yolbash-logs/75078627.html
ماڭا تەسىر قىلغان بىر كۇبلىت شېئىر
مەن شائىر ئەمەس ياكى شېئىر ھەۋەسكارىمۇ ئەمەس، شۇنداقلا ئەدەبىيات ساھەسىدىكى كىشىمۇ ئەمەس. ئەمما ئانچە مۇنچە كىتاب، شېئىر ئوقۇپ تۇرىمەن. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق داڭلىق شائىرلىرىمىزنىڭ ئېسىل پەلسەپەۋى ھېكمەتكە تۇيۇنغان شېئىر، رۇبائىيلىرىنى خاتىرىلىرىمگە كۆچۈرۈۋالاتتىم، بەزى رۇبائىيلارنى بولسا يادلاپ ئېسىمدە تۇتۇۋالاتتىم.
بۇرۇن ئېسىل شائىرلىرىمىز كۆپ ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقىمىز شېئىر ئوقۇشنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ قالدىمۇ قانداق، شېئىر كىتاب ئانچە بازار تاپالمايدىغان بولۇپ قالدى. مېنىڭچە ھېلىھەم خەلقىمىزنى شېئىرنى ياخشى كۆرمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ، بەلكى تۈزۈك شائىرلىرىمىز ئاز، ساناقلىقلا. ھازىرقى نۇرغۇن شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا مەنە يوق، شۇنچىلىك تۇتۇق ۋە گۇڭگا، قانداق مەنىدە يېزىلغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ. مۇدىرنىزىملىق شېئىر دەمدۇ، ئۇ ئىزىم بۇ ئىزىملىق شېئىر دەمدۇ ئىشقىلىپ ۋاي دېگۈدەك شېئىرلارنى ئۇچرىتىش تولىمۇ تەس. ئەلۋەتتە بۇلار مېنىڭ شەخسى قارىشىم. مەن بۈگۈنكى زامان شائىرلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلىرىنى بەكرەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. گەرچە ئۇنىڭ شېئىرلىرىمۇ يېڭى ئېقىمدىكى شېئىرلاردىن بولسىمۇ، ئەمما تىلى گۈزەل، مەنىسى تىرەن ۋە كەڭ...
بولدىلا، شېئىر ۋە شائىرلار توغرىسىدا يەنىلا ئەڭ ياخشىسى شائىرلار، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئوبزورچىلىرى بىر نېمە دېسۇن. مېنىڭ بۈگۈن دېمەكچى بولغىنىم بولغىنىم شېئىرنىڭ كۈچى ۋە رولى. ياخشى يېزىلغان بىرەر پارچە شېئىر بەلكىم تۇرمۇشىڭىزغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ماڭا ياقتۇرغان، تەسىر قىلغان شېئىرلار نۇرغۇن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۆۋەندىكى بىر كۇبلىت شېئىرنى مەن بەكرەك ياقتۇرىمەن:
يېقىلسا تىرىشىپ يەنە قۇپقۇلۇق،
يېقىلماي چوڭ بولغان بىرمۇ ئادەم يوق.
ئۈمىدۋار ئادەمگە كەلتۈرەر بىلسەڭ،
يېقىلىش ھاياتتا ئەڭ ئالىي ئۇتۇق.
بۇ بىر كۇبلىت شېئىرنى كىمنىڭ يازغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما بۇ شېئىرنى بۇنىڭدىن 11 يىل ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە بىر ساۋاقدىشىم ئەستەلىك سۈپىتىدە خاتىرەمگە يېزىپ قويۇپتىكەن.
بىر كۈنلەردە تۇرمۇش مۇساپەمدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ مەغلۇب بولدۇم، بۇ مەغلۇبىيەت مېنى ئېغىر دەرتكە مۇپتىلا قىلدى، ئەنە شۇنداق كۈنلەردە مانا بۇ بىر كۇبلىت شېئىرنىڭ ھەر بىر مىسرا، ھەر بىر مىسراسىغا سىڭگەن ھەر بىر مەزمۇن ماڭا زور مەدەت ۋە تەسەللى بولغان، مېنى ئورنۇمدىن دەس تۇرۇشقا، قەددىمنى قايتىدىن رۇسلاشقا ئۈندىگەن.
دېمىسىمۇ ھاياتتا يېقىلمايدىغان، ھەممىلا ئىشى ئوڭدىن كېلىۋېرىدىغان ئادەم بار دەمسىز؟ ھەممىلا ئادەم تۇرمۇشتا ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، مۇھىمى سىز شۇ ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە قانداق تاقابىل تۇرىسىز؟ ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەت پۈكۈلگەن قەددىڭىزنى قانداق قىلىپ قايتىدىن رۇسلايسىز؟ دېگەندىن ئىبارەت.
قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، سىز تۇرمۇشتا قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، مەغلۇبىيەت سىزنى ئېغىر دەرتكە مۇپتىلا قىلغان بولسا، سىز بىر ئاماللارنى قىلىپ يەنە شۇ مەغلۇبىيەت ئۈستىدىن غالىب كەلگەن بولسىڭىز، بۇ كەچۈرمىشىڭىز كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزدا سىزگە ناھايىتى زور ئىلھام ۋە ئىپتىخار تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ خىل تۇيغۇ شۇ قەدەر شېرىن تۇيغۇكى، سىزنى تېخىمۇ باتۇر، تېخىمۇ قەيسەر، تېخىمۇ قورقۇمسىز بولۇشقا ئۈندەيدۇ, غورۇر ئاتا قىلىدۇ.
تۆۋەندىكى بىر كۇبلىت شېئىرنى ئەينى يىللىرى مەن يۇقىرىقى شېئىرنىڭ ئىلھامى بىلەن يازغان، تورداشلارنىڭ ھوزۇرلىنىشىغا سۇنىمەن.
يېقىلدىم تۇرىمەن ئورنۇمدىن بىر كۈن،
خەتەرگە تىز پۈكۈپ ئىگىلمەيدۇ باش.
مەغلۇبلۇق بولسىمۇ گەر دەھشەت زۇلمەت،
ئاخىرى قەلبىمدە پارلايدۇ قۇياش!