-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/yolbash-logs/41056006.html
سىزچە بۇ ساۋابلىق ئىشمۇ
بۇ بۇ يىل قىشتا بولغان ئىش. شۇ كۈنى خىزمەتدىشىم تۇردىكام ماڭا مېۋە –چىۋە توپ سېتىش بازىرىدىن بىر نەچچە يەشىك مېۋە – چىۋە ئەكىلىشىپ بېرىشنى ئېيتتى. ئۇ كۈنى ئىشخانىدىمۇ باشقا ئىش بولمىغاچقا، ماقۇل دېدىم. ھايال قالماي مېۋە – چىۋە توپ سېتىش بازىرىغىمۇ يېتىپ باردۇق، بۇ كۈنى ھاۋا خېلىلا سوغۇق بولۇپ، شامالمۇ خېلى كۈچلۈك ئىدى. ھاۋا سۇغۇق بولغاچقىمۇ ۋە ياكى قىشتا مۇشۇنداق بولامدۇ، ئىشقىلىپ توپ سېتىش بازىرىدا ياز ۋاقىتلىرىدىكىدەك ئادەم كۆپ ئەمەس ئىدى، ھارۋا – ھارۋا مېۋىلەرنى مۇشۇ يەردىن توپ ئېلىپ، شەھەرنىڭ كوچا – كوچىلىرىدا ساتىدىغان ئۇششاق – تىجارەتچىلەرمۇ ئانچە ئۇچرىمايتتى.
ئىككىمىز بازارنى بىرەر قۇر ئايلانغاندىن كېيىن، تۇردىكام ئاپلىسىن ئالماقچى بولۇپ بىر تىجارەتچىدىن ئاپلىسىننىڭ باھاسىنى سورىدى ھەمدە باھاسىنى تالىشىپ ئولتۇرمايلا بىر يەشىك سېتىۋالدى. مەن بۇنى كۆرۈپ:
ـ تۇردىكا، بۇ دېگەن توپ سېتىش بازىرى بولغاندىكىن، باھاسىنى تالاشقان بولساق ئازراى بولسىمۇ چۈشەتتى ئەمەسمۇ؟ سەل قىممەت ئېلىۋالدىڭىزمۇ قانداق؟ ـ دېدى. تۇردىكام:
ــ بولدىلا، كېرەك يوق ــ، دەپ باشقا مېۋە ساتىدىغان باققاللارنىڭ قېشىغا بېرىپ يەنە قۇغۇن، ئۈزۈم دېگەندەك مېۋىلەرنى سېتىۋالدى، باھاسىنى بولسا يەنىلا ئانچە تالىشىپ ئولتۇرمىدى. بۇنىڭدىن ناھايىتى ھەيران بولدۇم، ئەگەر ئازراق بولسىمۇ تالاشقان بولسا، بىر مۇنچە پۇل يانچۇقتا قالاتتى، ھېچ بولمىغاندا، تاكسىغا خەجلەيدىغان كىرا پۇلى بولسىمۇ تېجىلىپ قالاتتى ئەمەسمۇ؟!
مەنمۇ ئىلگىرى بىر نەرسە سېتىۋالسام باھاسىنى بەك تالىشىپ كەتمەيتتىم، چۈنكى باھا تالىشىشتىن خىجىل بولاتتىم، بەك تۆۋەن سوراپ قالسام قانداق بولار؟ گەپكە قالارمەنمۇ دەپ ئويلايتتىم. باھا تالاشماي ئېلىپ كۆپ قېتىم باشقىلار ئەرزان ئالغان نەرسىنى بىكاردىن – بىكار قىممەت ئېلىۋېلىپ زىيان تارتقان چاغلىرىممۇ بولغان، شۇڭا كېيىن ھەر قانداق نەرسە ئالسام باھا تالىشىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەنىدىم. شۇڭىمۇ تۇردىكامنىڭ بۇ ئىشى تازا كاللامدىن ئۆتمىدى.
ئالىدىغان مېۋە – چىۋىلەرنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، تاكسىدىن بىرنى توسۇپ مېۋە – چىۋە توپ سېتىش بازىرىدىن ئايرىلدۇق. ماشىنىدا كېتىۋاتقىنىمىزدا، تۇردىكام گەپ ئارىلىقىدا بۇ ئىشنى تىلغا ئالدى:
ــ ئادەتتە باققاللاردىن مېۋە – چىۋە ئالسام باھا تالىشىپ كەتمەيمەن - ، دېدى تۇردىكام گەپ باشلاپ، ـ ئويلاپ بېقىڭ، مۇشۇنداق سوغۇقتا سىرتتا تۇرۇش ئاسان دەمسىز؟ بىزغۇ كۈن بۇيى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ قىشتا جاندىن ئۆتىكىدەك سوغۇقنىڭ، يازدا پىشغىرىم ئىسسىقنىڭ دەردىنى تارتمايمۇ مائاشىمىزنى خاتىرجەم ئېلىپ ئائىلىمىزنى باقىمىز، بىراق ئۇلارچۇ؟ ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن قىشنى قىش، يازنى ياز، سۇغۇقنى سۇغۇق، ئىسسىقنى ئىسسىق دېمەي سىرتتا دىر – دىر تىترەپ، پىژ – پىژ تەلەشكە مەجبۇر بولىدۇ، ئۇلار شۇنداق جاپا تارتقىنى بىلەن تاپىدىغىنى تايىنلىق، كويچەنلەپ ئەمەس، موچەنلەپ پايدا ئېلىپ ئائىلىسىنى قامدايدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس. بىز يەنە قوپۇپ باھا تالىشىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغان پايدىسىنى تېخىمۇ كەملىتىۋەتسەك تازا ياخشى بولمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر كوچا كويلاردىكى تىلەمچىلەر ئۇچراپ قالسا ساۋاب بولىدۇ دەپ سەدىقە بېرىدۇ، بۇ يامان ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە. لېكىن تىلەمچىلەرگە سەدىقە بېرىشلا ساۋابلىق ئىش ھېسابلانمايدۇ، ئەمەلىيەتتە شۇ باققاللاردىن، يايمىچىلاردىن، ئۇششاق تىجارەت قىلىدىغانلاردىن باھا تالاشمىغىمىزمۇ مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇلارغا ياردەم قىلغىنىمىز، خەيرى – ئېھسان قىلغىنىمىز، ئۇلارنى قوللىغىنىمىز ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇمۇ ساۋابلىق ئىش ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
توردىكامنىڭ دېگەن بۇ گەپلىرى خېلى كۈنلەرگىچە كاللامدىن نېرى كەتمىدى. بۇ گەپلەرنىڭ ئىچىگە تولىمۇ چوڭقۇر پەلسەپە يوشۇرۇنغان ئىدى. دېمىسىمۇ شۇ بىچارىلەرگە ئاسان دەمسىز؟ ئۇلار شۇنچە جاپادا پۇل تاپىدۇ، ئائىلىسىنى قامدايدۇ، بالىلىرىنى ئوقۇتىدۇ. نەچچە كوي، نەچچە مو پۇل نۇرغۇنلىرىمىز ئۈچۈن ھېچقانچە پۇل ئەمەس، بىراق ئاشۇ جاپاكەشلەر ئۈچۈن باشقىچە مەنىگە ئىگە…
شۇنىڭدىن كېيىن باققاللاردىن، ئۇششاق تىجارەتچىلەردىن نەرسە – كېرەك سېتىۋالسام باھا تالاشمايدىغان بولدۇم. قەدىرلىك تورداش، سىز بۇ ئىشقا قانداق قارايسىز؟ سىزمۇ بۇنى ساۋابلىق ئىش دەپ قارامسىز؟ قېنى ئىنكاس يېزىڭ، ئورتاقلىشىپ باقايلى.
评论
مەنمۇ بەزىدە سوغۇقلاردا دىر - دىر تىترەپ يۈرۈپ، تۈرلۈك جاھاندارچىلىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئەشۇ بىچارىلەرنى ھەر كۆرگىنىمدە، يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ كېتىدۇ. كېيىنچە لازىمى بولىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋاتقان تەقدىردىمۇ، ئامال بار ئازتولا سودىلىقىنى قىلىپ قويىمەن.
كونىلارنىڭ "ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە" دېگەن گېپى ھەقىقەتەنمۇ خاتا ئېيتىلمىغان، دەپ قارايمەن.
رەھمەت دوستۇم، مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر تېمىنى مۇنازىرىگە تاشلىغىنىڭغا!