ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • (1)مەرھۇم تالانتلىق شائىرىمىز تېيىپچان ئېلىيېۋ ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە شېئىرى

    2010-10-13


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/yolbash-logs/78392825.html

    مەرھۇم تالانتلىق شائىرىمىز تېيىپچان ئېلىيېۋ(1930 ـــ 1989)

     

       داڭلىق ئۇيغۇر شائىرى تېيىپچان ئېلىيېۋ 1930 يىلى قورغاستا تۇغۇلغان. 1948 – يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، «ئالغا»، «يېڭى يول» گېزىتلىرىدە مۇھەررىر بولغان. 1949 – يىلىدىن كېيىن «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئەدەبىيات –سەنئەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى بولغان. 1945 – يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، «شەرق ناخشىسى»، «تىنچلىق ناخشىسى»، «تۈگىمەس ناخشا»، «زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار»، «تېيىپجان ئېلىيېۋ شېئىرلىرى» قاتارلىق توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.

       تۆۋەندە مەرھۇم شائىرىمىزنىڭ بىر قانچە شېئىرىنى يوللاپ قويدۇم. ياقتۇرغايسىلەر.

     

     

     

    تۈگىمەس ناخشا

     

     

    ھەر ئاخشىمى ناخشا ئېيتىمەن

    شۇ كوچىنى ئەگىپ كېتەلمەي.

    بىر پەللىنى كۆزلەپ ماڭىمەن،

    ئاۋارە مەن تېخى يېتەلمەي.

     

    بۈگۈن ئاخشام ئۆتكەنتىم يەنە

    ناخشام بىلەن دېرىزە قېقىپ.

    قەيەردىندۇر ئىشىك غىچىرلاپ،

    كايىپ كەتتى بىر بوۋاي چىقىپ:

     

    جاقىرايسەن ھەر كۈنى شۇنداق،

    ساراڭمۇ سەن ئوڭشالمايدىغان؟

    يا ئادەمگە ئۇيقۇ بەرمەيسەن،

    قانداق ناخشا بۇ تۈگىمەيدىغان؟

     

    كايىما بوۋا،

                سەنمۇ بىر چاغدا

    ياش ئىدىڭغۇ ئۇخلىمايدىغان،

    سەنمۇ ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن،

    شۇنداق ناخشا بۇ، تۈگىمەيدىغان!

         

                       1956 – يىل ئاۋغۇست

     

     

     

     

    分享到:

iframe name="hiddenIFrame" id="hiddenIFrame" width=0 height=0>