ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • مەرھۇم تالانتلىق شائىرىمىز تېيىپچان ئېلىيېۋ ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە شېئىرى (3)

    2010-10-13


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/yolbash-logs/78394923.html

    ۋەتەن ھەققىدە غەزەل

     

    جان ئانام، جانان ئانام جۇڭگو، ئۇنىڭ پەرزەنتى مەن،

    مېھرىگە جىسمىم بىلەن، ئىشقىم بىلەن پەيۋەندە مەن.

    قەلبىمىزنىڭ مەشئىلى كومپارتىيە ـــ باشلامچىمىز،

    توي بىلىپ ئات سالىمەن ئۇ باشلىغان ھەر جەڭگە مەن.

    شۇ قۇياشلىق دەرۋازىدىن تاپتى ئەل چوڭ شان – شەرەپ،

    ئىپتىخارىم شۇ زامانغا كۈيچى مەن، سازەندە مەن.

    شۇ مۇھەببەتسىز، شۇ مەشئەلسىز، شەرەپسىز بىر مىنۇت ـ

    ياشىسام جەننەتتىمۇ، دەيمەن «دوزاخقا بەندە مەن».

    تارىخىم بار شانۇ شەۋكەتلىك شۇ تۇپراق قامۇسى،

    مىڭ كىتابلىق دەرس ئالارمەن ھەر ۋاق كۆرگەندە مەن.

    شۇ ئۇلۇغ تارىخقا ۋارىس بولمىسام ئۆمرۈم بويى،

    ئۆلگىنىم مىڭ ياخشى، بولغاندىن تىرىك شەرمەندە مەن.

    ئانا تۇپراق توپىسى گويا كۆزۈمگە تۇتىيا،

    چۆلىدە يۈرسەم ئۆزۈمنى سېزىمەن گۈلشەندە مەن.

    سۇلىرى ئابىھايات، كەۋسەر خىجالەت ئالدىدا،

    نە ئۈچۈن موھتاج بولاي، خۇشتار بولاي زەمزەمگە مەن.

    نەگە بارسام ئۆز ئانام قوينىدا مەن، ئۆگەي ئەمەس.

    مەيلى خوتەن، مەيلى ئەنشەن، مەيلى تەيخاڭشەندە مەن.

    ئۆزگە يۇرتتا شاھى تون ئىچرا قورۇنغان تەنلىرىم

    ئۆز ئېلىمدە يايرىغاي كىيسەم كۇلاھۇ جەندە مەن.

    مەنىداش قەھرىگە قەھرىم، كۈلكىسى كۈلكەم مېنىڭ،

    قايسى غەمدە بولسا ئۇ، مەنمۇ ھامان شۇ غەمدە مەن.

    سانجىلارمەن تىغ بولۇپ كىمكى ئۇنىڭغا قىلسا قەست،

    دوستىغا دوستلارچە ھەردەم بولىمەن ھەمدەمدە مەن.

    راھىتى تۇرماق، جاپالىق پەيتتىمۇ راھەت ماڭا،

    داتلىسام راھەت ئارا تۇز كور بولۇپ ئۆلمەمدىمەن.

    كوھىقاپقا قارشى ماڭغان پەھلىۋان ئوغى تۇرۇپ،

     قۇترىغان تەتۈر قويۇنلار نۇقۇسا تەۋرەمدىمەن!

    بەختى كۈلمەكتە ۋەتەننىڭ، ئەتىمىز ئاندىن گۈزەل،

    تۇرسا ئۇ بەرگەن كۆزۈم، شۇ ئەتىنى كۆرمەمدىمەن.

    ئۆز نېسىۋەمدەك قۇچاقلايمەن شۇ بەخت رەناسىنى،

    ئاسرىغاچقا مەنمۇ جۇتلاردىن ئۇنى مەيدەمدە مەن.

    شۇ ۋىسالدىن رىشتە ئۈزگەنلەرنى ئۇچراتسام شۇ چاغ،

    نېمە دەر، ئېغىۋاسىنى سالسام يۈزىگە شۇندا مەن.

    بەختىيار مەن «مېھرىبان ئوغلۇم» دېسە مېنى ئانام،

    تاپقۇدەكمەن بۇندىن ئارتۇق قايسى بەختنى ئەمدى مەن!

    بىر ئۆمۈر  باغرىدا تەر تۆكسەم، ئۇنى قىلسام رىزا،

    نە ئىشىمدۇر بىر ئۆمۈر، مىليون ئۆمۈر خۇرسەندە مەن.

    ئۆلمىدى دەڭلار مېنى، ئۆلسەممۇ ياتسام، كۆز يۇمۇپ،

    شۇ ئانا تۇپراقتا قېزىلغان ئەزىز قەبرەمدە مەن.

    يۈكلىگىن يۈكنى ئانا، مەن تاڭشۇرۇلغان تۇلپىرىڭ،

    سەن ئۈچۈن يۈكلەشكە رازى تاغنىمۇ يەلكەمگە مەن.

    بار ئۈچۈن سەن مەنمۇ بار، سەنسىز ھاياتىم يوق مېنىڭ،

    چۈنكى مەنمۇ سەن بىلەن بىر جاندا مەن، بىر تەندە مەن.

     

                           1962 – يىل ماي، ئۈرۈمچى

    分享到:

iframe name="hiddenIFrame" id="hiddenIFrame" width=0 height=0>