-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/yolbash-logs/113756822.html
مېھىر – شەپقەت قۇرىمىسۇن ئارىمىزدا...
بۈگۈن ئاجايىپ ساۋابلىق بىر ئىشقا يولۇقتۇم. كەچقۇرۇن ئىشتىن چۈشۈپ نەنمېن خانتەڭرى مەسجىتىنىڭ يېنىدىكى كوچىدىكى بىر سامسىخانىدا سامسا يەپ ئولتۇراتتىم، دۇكاندا ئادەم كۆپ ئەمەس، مېنىڭدىن باشقا بىر جۈپ ئاشۇق – مەشۇقلا بار ئىدى.
ـــ كىرسىلە چوڭ ئاپا، ماۋۇ يەردە ئولتۇرسىلا. بىر چاغدا ئېگىز بويلۇق، تولىمۇ پاكىز ۋە كېلىشكەن 28 ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت بىر موماينى سامسىخانىغا باشلاپ كىردى. موماي خېلىلا ياشىنىپ قالغان بولۇپ، كىيىم – كېچەك، قول ۋە يۈزلىرى مەينەت بولۇپ، خۇددى تىلەمچىلەرگىلا ئوخشايتتى. ئۇلار مەن ئولتۇرغان شىرەنىڭ ئالدىدىكى شىرەگە جايلاشتى.
ــ قېنى بۇ يەردە ئولتۇرسىلا، پەقەت تارتىنمىسلا، سامسىدىن قانچىنى يىيەلەيدىلا، ئون تال بولسۇنمۇ؟ ــ ۋاي ئون سامسا يېيەلەيدىغان بولسام، بېرىپ كەتمەن چاپاتتىم بالام، ــ دېدى موماي تارتىنىپراق. يىگىت سامسىدىن ئوننى بۇيرۇتتى.
ــ چوڭ ئاپا، بەك تىرىشچان ئىكەنلا، ــ دېدى يىگىت يەنە، ــ بۈگۈن تۇنجى قېتىم جۈمەگە چىقىشىم، ئادەم خىزمەت قىلىۋەرسە ئىمانى سۇسلاپ كېتەمدىكىن، مېنىڭ ئىمانىم سۇسلاپ كەتكەنىدى. مېنىڭ چوڭ دادام ھاجىم، شۇنداق تۇرۇق بىز نەۋرىلىرى مەسچىتكە چىقمىساق، ئاللانى ياد ئېتىپ تۇرمىساق بولمايدۇ – دە. جۈمەدىن يېنىپ چىقىۋاتسام، ياپ – ياشلا بىر نېمىلەر مەسچىتنىڭ ئالدىدا «ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!» دەپ قول سۇنۇپ تىلەمچىلىك قىلىشىۋېتىپتۇ. بۇنداق تىلىگىچە، ھالال ئىشلەپ جېنىنى جان ئەتسىچۇ دەپ ئويلاپ، ئاچچىقدا ئۇلارغا بىر تېيىنمۇ بەرمەي يېنىپ كەلگەنىدىم. سىلى بولسىلا شۇنچە ياشقا كىرىپ قالغان تۇرۇغلۇق، يەنە ھالاللاپ ئەجىر قىلىۋېتىپتىلا. شۇلارمۇ سىلىدەك بولسىچۇ!
يىگىتنىڭ گەپلىرىدىن ئۇنىڭ بۇ موماينى تونۇمايدىغانلىقى، بايىلا ئۇچرىشىپ قېلىپ، تاماق ئېلىپ بېرەي دەپ بۇ سامسىخانىغا ئەكىرىپ قويغانلىقى مەلۇم بولدى. ئاڭغىچە ئۇ بۇيرۇتقان ئون سامسا چىقتى. يىگىتنىڭ «ئالسىلا، باقسىلا» دېيىشى بىلەن، موماي تارتىنىپقىنا سامسىغا قول ئۇزاتتى.
ــ ھە قېنى، تارتىنماي ئالسىلا، يەپ بولالمىسىلا، قالغىنىنى ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېتىپ يېسىلە. نەچچە ياشقا كىردىلە؟ بالىلىرى، قارايدىغان كىشىلىرى يوقمۇ؟
ــ بۇ يىل 87 گە كىردىم، بالىلىرىم يوق، ئۆزۈم يالغۇزمەن بالام. ياشلىقىمدا باياشات ئۆتكەندىم، ئەمدىلىكتە زە، مۇشۇ كۈنگە قالدىم. سىلى بەك ئوبدان بالا كەنلا، رەھمەت سىلىگە، ــ موماي سامسىدىن يېگەچ جاۋاب بەردى يىگىتكە.
ــ رەھمەت ئېيتمىسىلا، دۇئا قىپ قويسىلىلا، ھەممىدىن شۇ ئەۋزەل. «شۇنچە ياشقا كىرىپمۇ يەنە تېتىك تۇرۇپتۇ بۇ موماي، بىراقزە قارىغۇچىسى يوق ئىكەن، خۇدايىم بۇنداق كۈنلەردىن ساقلىسۇن، ئاسانلىق بەرسۇن» دېدىم ئىچىمدە موماي سامسىنىڭ يېرىمىنى يەپ بولماي تۇرۇپلا:
ـــ بالام، قالغان سامسىنى ئۆيگە ئەپكېتىپ يېسەم بولارمىكىن، ــ دېدى ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ.
ــ ھەقىچان ئاشۇ قەغەزلىرىمنى بىرەرسى ئېپ كېتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىلا ھە، سېلى خاتىرجەم ئولتۇرۇپ سامسىلىرىنى يەۋەرسىلە، مەن بېرىپ ئۇ قەغەزلىرىنى ئەكىلىپ قوياي. يىگىت شۇنداق دەپلا ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى - دە، موماي يىغىپ قويغان قەغەز سېلىنغان خالتىنى سامسىخانىنىڭ ئىشىكىنىڭ يېنىغا، موماي كۆرەلىگىدەك يەرگە قويۇپ قويۇپ، جايىغا كېلىپ ئولتۇردى.
ـــ ئەمدىغۇ خاتىرجەم بولغانلا. شۇندىلا مەن بۇ موماينىڭ قەغەز تېرىپ سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى پەملىدىم ھەمدە يىگىتنىڭ ئىنساپىدىن تەسىرلەندىم. بۇنىڭدىن مەنلا ئەمەس، سامسىخانىنىڭ بۇلۇڭىدا ئولتۇرغان بىر جۈپلەرمۇ تەسىرلەنگەن بولسا كېرەك، ئۇلارمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش، ئۇلار كىرگەندىن ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ گەپ سۆز، ھەرىكەتلىرىگە سەپ سىلىپ ئولتۇرۇشقان ئىدى. ھېلىقى بىر جۈپلەر بۇ چاغدا ھېلىقى يىگىتكە:
ــ بەك ئېسىل، بەك ياخشى ئىكەنسىز ئاكا، ــ دېيىشتى.
يىگىت يەنە گەپ باشلىدى:
ــ تاماق يەي دەپ بۇ كوچىغا كىرىۋاتاتتىم، قارىسام بۇ چوڭ ئاپاش يول بويىدىكى قەغەزلەرنى تەرگىلى تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ شۇنچە ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي بۇنداق ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاغرىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بېرىپ، «چوڭ ئاپا، بۇ قەغەزلەرنى تېرىپ نېمە قىلىلا؟» دەپ سورىسام، «سېتىپ، پۇلىغا تاماق ئېلىپ يەيمەن» دەيدۇ، «قانچە پۇلغا ساتالايدىلا بۇنى؟» دەپ سورىسام، «ئىككى كويغا دەيدۇ»، ئىچىم ئاغرىپ، «بولدى، جۈرسىلە، تاماقنى سىلىگە مەنلا ئەپ بېرەي، نېمە يېگۈلىرى بار» دېدىم، «لەغمەن يا سومەن» دېدى، ماقۇل دەپ ياندىكى نەچچە ئاشخانىغا بارسام تاقاق ئىكەن، نائىلاج مۇشۇ سامسىخانىغا كىردۇق. ئادەم ياشانغاندا ئاسانمۇ، بىزنىڭمۇ ئاتا – ئانىمىز بار، خۇدايىم بەندىلىرىگە مۇشۇ كۈنلەرنى كۆرسەتمىسۇن!
يىگىتنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن قارىغاندا ئۈرۈمچىلىكتەك قىلاتتى، تۇرقىدىنلا يۈرۈش – تۇرۇشقا ئالاھىدە دىققەن قىلىدىغانلىقى، پاكىزلىقى، مەردانىلىقى چىقىپلا تۇراتتى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، يۈز – كۆز، كىيىم – كېچەكلىرىنى مەينەت باسقان، ئەخلەت تېرىپ جان باقىدىغان بىر موماينى كۆرۈپ، ئىچ ئاغرىتىپ، باشقىلار كۆرسە نېمە دەپ قالار دېمەي، ئاشخانىغا باشلاپ كىرىپ تاماق ئېلىپ بېرىشى ھەر قانداق كىشىنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايتتى. مانا بۇ ئىمان، مانا بۇ ئىنساپ، مانا بۇ مېھىر – شەپقەت! ئالدى بىلەن خۇدايىم ھەر بىر بەندىسىنى قېرىغاندا يالغۇز قېلىشتىن، موھتاجلىقتىن ساقلىسۇن! قېرىغاندىكى يوقسۇزلۇق ۋە يالغۇزلۇق ناھايىتى يامان. شۇڭا كونىلار: «ياشلىقتىكى دۆلەتتىن، قېرىلىقتىكى مەينەتتىن خۇدا ساقلىسۇن!» دەپ بىر ھېكمەتنى قالدۇرغان. ئىككىنچىدىن، سىلە – سەدىقە مانا ئاشۇنداق ئىگە چاقىسىز، قارىغۇچىسىز مۇھتاجلىق ئىچىدە قالغانلارغا جايىزدۇر، بىزنىڭ پۇل – ماللىرىمىزدا ئەنە شۇلارنىڭ ھەققى بار. شۇڭا مۇشۇنداق كىشىلەرگە يولۇققىنىمىزدا سىلە – رەھىم، سەدىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم. ئۈچىنچىدىن، ئاللا ھەممىمىزگە ئاشۇ يىگىتكە بەرگەندەك ئىنساپى بەرسۇن، ئاشۇنداق ئىنساپلىق كىشىلەر ھامان بىر كۈنى ئەمەلىنىڭ مۇكاپىتىغا ئېرىشكۈسىدۇر...
ئاڭغىچە مەن تامىقىمنى يەپ بولدۇم، كۆڭلۈمگە بولسا بۇ مومايغا ئازراق بولسىمۇ كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى پۈككەنىدىم. بۇ چاغدا ھېلىقى بىر جۈپلەرمۇ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، يىگىت پورتمالىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، پەمىمچە ئۇمۇ سامسىخادىن مۇنداقلا چىقىپ كەتمەيدىغاندەك قىلاتتى. دەرۋەقە ئۇ پورتمالىدىن 100 يۈەن پۇلنى مومايغا تەڭلىدى ھەمدە يىگىتكە:
ــ بەك ياخشى ئىكەنسىز، بەك ئېسىل ئىكەنسىز ئاكا، ـ دېدى.
ئارقىدىن مەنمۇ 50 يۈەن پۇلنى مومايغا تەڭلىدىم. موماي كۆزىدىكى ياشنى سۈرتكەچ، رەھمەت، ھەشقاللا ئېيتتى. ھېلىقى يىگىت دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ:
ــ ۋوي، ۋوي، ۋوي! رەھمەت جۇمۇ سىلەرگە. سىلەر تېخىمۇ ياخشىكەنسىلەرغۇ! مەن تېخى سىلەرچىلىك قىلىپ بولالمىدىم، ـ دېدى ھەمدە بىر – بىرلەپ قوللىرىمىزنى سىقتى.
ـــ ئۇنداق دېمەڭ، ئەگەر سىز بۇ چوڭ ئاپىمىزنى تاماق ئېلىپ بېرىمەن دەپ بۇ يەرگە ئەكەلمىگەن بولسىڭىز، بىزگە بۇ ياخشىلىق نەدە تۇرۇپتۇ ــ دېدىم مەن ھەمدە سامسىخانىدىن چىقىپ كەتتىم....
شۇنداق، مېھرى – شەپقەت قۇرىمىسۇن ئارىمىزدا، ئاجىزلارنى، مۇھتاجلارنى، سايىللارنى كۆرگەندە، مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلايلى، خەير – ئېھسان قىلايلى. ئېھتىياجىمىزدىن ئاشقان پۇل مېلىمىزدا ئەنە شۇلارنىڭمۇ ھەققى بار...
历史上的今天:
ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻠﯩﻜﺘﻪ 2009-04-01ﮬﻪﻗﯩﻘﻪت ۋە ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ 2009-04-01قىزىل چىش چوتكىسى 2009-04-01ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪس 2009-04-01
评论