-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/yolbash-logs/41117532.html
يان تېلېفون قوڭغۇراق سائىتىنى ئىشلىتىش سالامەتلىككە زىيانلىق
ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹يان تېلېفوندىن بىخەتەر پايدىلىنىش پرىنسىپى››دا مۇنداق دېيىلگەن: جىددىي ئەھۋالدىن باشقا ۋاقىتلاردا، 12 ياشتىن تۆۋەن بالىلار يان تېلېفون ئىشلەتسە بولمايدۇ. سەۋەبى، بالىلارنىڭ باش سۆڭىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدىن نېپىز بولىدۇ، شۇڭا بالىلار رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.12ياشتىن ئاشقان بالىلارنىڭ باش سۆڭىكى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ، يان تېلېفوننىڭ زىيىنىغا ئۇچراش خەۋپى نىسبەتەن ئازىيىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، مۇتەخەسسىسلەر ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ يان تېلېفون نائوشنىكى ئىشلىتىشى ھەم كۆپرەك ئۇچۇر يوللىشىنى، يان تېلېفوندا ئازراق تېلېفون ئۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
بەزىلەر يان تېلېفوننىڭ سائەت قوڭغۇرىقىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ياخشى ئادەت ئەمەس. بۇنىڭدا ئادەم بەدىنى ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسىگە كۆپرەك ئۇچرايدۇ، ھەتتا يان تېلېفوندا كاشىلا كۆرۈلۈپ تاسادىپىي زەخىملىنىش خەۋپىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.شۇڭا يان تېلېفون سائەت قوڭغۇرىقىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.كەچتە ئۇخلىغاندا يان تېلېفوننى ياستۇقنىڭ ئاستىغا قويۇشقا بولمايدۇ.يان تېلېفوندا ئىمكانقەدەر ئاز سۆزلىشىش كېرەك. كۆپرەك سۆزلىشىشكە توغرا كەلسە، مۇقىم تېلېفوندا سۆزلەشكەن ياخشى. سىمسىز تېلېفون بىلەن يان تېلېفوننىڭ رادىئاتسىيىسى ئوخشاش.يان تېلېفوننىڭ سىگنالى ئاجىز بولسا (پويىز ياكى ئاپتوموبىل قاتارلىقلاردا)، ئەڭ ياخشىسى، يان تېلېفون ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى يان تېلېفون سىگنال بەلگە كاتەكچىسى بىر ياكى ئىككى بولغاندا، يان تېلېفون كۈچلۈك تۆۋەن چاستوتىلىق ئېلېكتر رادىئاتسىيىسى چىقىرىدۇ.
غەيرەت قېييۇم تەرجىمىسى
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
历史上的今天: