-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40067613.html
غەلىتە جىننىس رېكورتلىرى(1)
دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئەرــــ ئامېرىكىلىق روبېرت بوسىن. ئۇنىڭ 1940-يىلى ئۆلچەنگەن بوي ئېگىزلىكى 2.70 مېتىر.
دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئايال ـــ ساندى ئەيلۇن. ئۇنىڭ بوي ئىگىزلىكى 2.31 مېتىر.
پۇت –قول بارماقلىرى ئەڭ كۆپ ئادەم: 2005-يىلى توغۇلغان ھىندىستانلىق مىنارونىڭ قولىنىڭ 12، پۇتىنىڭ 13 بارمىقى بار ئىكەن.
بېلى ئەڭ ئىنچىكە ئايال: ئامېرىكىلىق 70 ياشلىق كاجيا دېگنىڭ بەل ئايلانمىسى 38.1 سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىنچىكە بەل ھېسابلىنىدىكەن.
ئاشقازىنى ئەڭ كۈچلۈك ئادەم: فرانسىيىلىك مېكىل رودىتو 1959-يىلدىن بۇيان ئەينەك بىلەن مېتال بۇيۇملارنى يەپ كەلگەن. ھازىرغا قەدەر ئۇ 128 ۋېلىسپىت، تاللا بازارلىرىدا ئىشلىتىدىلىدىغان 15 قول ھارۋىسى، ئالتە زىننەت چىرىغى، ئىككى كارىۋات، بىر چانىنى يەۋەتكەن.
ئۆپكىسى ئەڭ كۈچلۈك ئادەم: ئەنگلىيىلىك گېت سېنگنىڭ ئۆپكىسىنىڭ سىغىمچانلىقى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، 1998-يىلى سىنتەبىردە ئۇ 42 مىنۇتتا دىئامېتىرى 2.44 مېتىر، ئېغىرلىقى بىر كىلوگرام كېلىدىغان بىر شارنى پۈۋلەپ كۆپتۈرگەن.
بەدىنىگە ئەڭ كۆپ گۈل چەككەن ئادەم: ئاۋسترالىيىلىك دېموند لىنچ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1000 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە، جۈملىدىن قاپىقى، قۇلىقىنىڭ ئىچى، كالپۇكلىرى ۋە پۇت بارماقلىرىغىچە ئالا قويماي ئۈچ قەۋەت گۈل چەكتۈرگەن.
بەدىنىنى ئەڭ كۆپ تەشتۈرگەن ئايال: ئەنگلىيىلىك ئىرەين دەۋىسېن 2005-يىلى مايدا بەدىنىنىڭ 462 يېرىنى تەشتۈرۈپ رېكورت ياراتقان. ئۇ 2001-يىلى ئاۋغۇستتىمۇ بەدىنىنىڭ 720 يېرىنى تەشتۈرگەن ئىكەن.
收藏到:Del.icio.us