-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40066210.html
غەلىتە ئۆلۈملەر
تاماقنى كۆپ يەۋېلىپ ئۆلۈش
1771-يىلى61 ياشلىق شۋېتسارىيە پادىشاھى ئاداف تاماقنى ھەددىدىن زىيادە يەۋېلىپ سىڭدۈرەلمەي دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان. ئۇ بۇ بىر ۋاخ تاماقتا چوڭ راك، ئىكىرا قىيامى، كاپۇسكا، ئىسلىغان بېلىق ۋە تاتلىق-تۈرۈملەردىن بولۇپ ئون نەچچە خىل يېمەكلىك يېگەن ۋە ھەر خىل شورپا ۋە ئىچىملىكلەرنى ئىچكەن.
ماشىنا ئادەم تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش
روبېرت ۋىليام دۇنيا بويىچە ماشىنا ئادەم تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تۇنجى كىشى. 1979-يىلى ماشىنا ئادەمدە كاشىلا كۆرۈلگەچكە، ئۇ ماشىنا ئادەمنىڭ ئورنىدا بىر زاپچاسنى ئالماقچى بولىدۇ، كۈتۈلمىگەندە ماشىنا ئادەم تويۇقسىز ھەرىكەتلىنىپ، مېخانىك قولىنى ۋىليام روبېرتنىڭ مېڭىسىگە سانجىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ.
ئۈلگە كۆرسىتىمەن دەپ ئۆلۈش
ئامېرىكىدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ خېلى ۋاقىتقىچە ئوكلاخما شىتاتىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئادۋوكات كېلمونت ھېچقانداق دەۋەدا يېڭىلىپ قالمايدۇ. 1871-يىلى بىر ئەر قاۋاقخانىنىڭ ئايرىمخانىسىدا بىر خېرىدارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن دەپ ئەيىبلىنىدۇ. لېرمونت بۇ ئەرگە ئاقلىغۇچى بولۇپ ئۇنى ئاقلاپ: ئۆلگۈچى تىزلىنىپ ئولتۇرماقچى بولغاندا قورالىدىن ئوق چىقىپ ئۆزىگە تېگىپ ئۆلگەن، دەيدۇ ھەمدە سوتتا زاسداتېللارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئەينى چاغدىكى مەنزىرىنى دوراۋاتقاندا، تاپانچىدىن ئوق چىقىپ كېتىپ ئۆلۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زاسداتېللار ئۇنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭ دەۋاگىرىنى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
ئەخلەتتە ئىچىدە ئۆلۈش
ئاكا-ئۇكا خوم، لانىلارنىڭ ئەزەلدىن ئەخلەت تۆكۈش بىلەن خۇشى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆيى خىلمۇخل گېزىت-ژۇرنال، كېرەكسىز نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كېتىدۇ. 1947-يىلى ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن بىر جەسەت بايقالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تاپشۇرۇۋېلىپ، دەرھال ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ ھەمدە ناھايىتى تەسلىكتە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، خومنىڭ جەسىتىنى تاپىدۇ، ئۆيىدىكى ئەخلەتلەرنى يەنە ئىككى ھەپتە تازىلىغاندىن كېيىن لانىنىڭ جەسىتىمۇ تېپىلىدۇ.
ساقىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈش
ئاۋسترالىيىلىك ھانىس ئۆزىنىڭ 1.4مېتىر كېلىدىغان ئۇزۇن ساقىلىدىن پەخىرلىنىپ يۈرەتتى. بىراق 1567-يىلى ئۇلارنىڭ كەنتىدە تۇيۇقسىز ئوت ئاپىتى يۈز بېرىدۇ، ئۇ ئالدىراپ-تېنەپ سىرتقا قېچىۋاتقاندا، ئۇزۇن ساقىلىنى يىغىۋېلىشنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ، نەتىجىدە ساقىلىغا دەسسىۋېلىپ يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلىدۇ.
«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» دىن ئېلىندى
收藏到:Del.icio.us