ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • قابىلىيەتلىك كىشىنى سەمىمىيىتىڭىز بىلەن قايىل قىلىڭ

    2009-05-28


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40066991.html

    قابىلىيەتلىك كىشىنى سەمىمىيىتىڭىز بىلەن قايىل قىلىڭ

     

    چاك رىنو ئامېرىكىدىكى بىر يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ خۇجايىنى. بىر قېتىم ئۇ ناھايىتى قابىلىيەتلىك بىرەيلەننى شىركىتىگە تىجارەت باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلماقچى بولىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ قانچە تەكلىپ قىلسىمۇ، ھېلىقى كىشى ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمايدۇ. رىنو ئارىغا نۇرغۇن ئاتاغلىق كىشىلەرنى سالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۈنۈمى بولمايدۇ. قاتتىق بىزار بولغان ھېلىقى كىشى رىنوغا: «ماڭا تېلېفون بەرمىگەن پەقەت ئاپىڭىزلا قالدى» دەيدۇ. ئەتىسى رىنو راستىنلا ئىسرائىلىيىدىكى ئاپىسىنى ھېلىقى كىشىگە تېلېفون بەرگۈزىدۇ. رىنونىڭ ياشىنىپ قالغان ئاپىسى ھېلىقى كىشىگە ھاياجانلانغان ھالدا: «خاتىرجەم بولۇڭ، چاك ناھايىتى ياخشى ئادەم، ئۇنىڭدىن چوقۇم رازى بولىسىز» دەيدۇ. ھېلىقى كىشى بۇ قېتىم باشقا باھانە تاپالماي، رىنونىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ.

    ئۇزۇن ئۆتمەي، رىنو شىركەتنىڭ مالىيە مۇدىرلىقىغا بىرەيلەننى تەكلىپ قىلىدۇ، لېكىن ھېلىقى كىشى چوڭ كارخانىدا مۇھىم ئورۇندا خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، رىنونىڭ شىركىتىنى ياراتمايدۇ. رىنو بەل قويىۋاتمەيدۇ. ئۇ ھېلىقى كىشىدىن ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ رازمىرىنى سورىۋېلىپ، NIKE ماركىلىق بىر جۈپ تەنتەربىيە ئايىقى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويىدۇ ھەمدە ئۈستىگە

     «Just do it» (دادىل ئىشلەڭ) دېگەن خەت يېزىلغان بىر باغاقچىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ئادەم ئاخىرى تەسىرلىنىپ، رىنونىڭ شىركىتىگە يۆتكىلىپ كېلىدۇ. كېيىن ئۇلار رىنو شىركىتنىڭ قابىل باشلامچىلىرى بولۇپ قالىدۇ. رىنونىڭ غەلىبە قىلىشتا ئىشلەتكەن ئاساسلىق قورالى دەل سەمىمىيەتتىن ئىبارەت.

                       

        قەلبىنۇر سىيىت تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




iframe name="hiddenIFrame" id="hiddenIFrame" width=0 height=0>