-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40104113.html
كارخانا تور بېكەتلىرى راستلا كارغا كەلمەمدۇ
ھازىر مۇتەخەسسىلەر: كارخانا تور بېكەتلىرى تويۇق يولغا كىرىپ قالدى، ئەنئەنىۋى تور بېكەت ياساشنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى بار، دەپ قاراشماقتا.
جۇڭشەن «خۇۋېي» مېتال ماتېرىيال شىركىتىدىكى چېن رۇڭ 20 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، شىركەتنىڭ تور بېكىتىنى قۇرغان، لېكىن بىر يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ تور بېكىتىنىڭ زىيارەت قىلىنىش قېتىم سانى 500 گىمۇ يەتمىگەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بېشى قاتقان ھەمدە «تور بېكەتكە سەرپ قىلغان پۇللىرىمنىڭ ھەممىسى بىكار كەتتى، كارخانا تور بېكىتى قۇرغاننىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەن» دەپ ئۈمىدسىزلەنگەن.
چېن رۇڭغا ئوخشاش كارخانا تور بېكەتلىرى ئۈچۈن باش ئاغرىقى تارتىۋاتقان كارخانىچىلار ئاز ئەمەس. جۇڭگو ئالاقە تورى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2006-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا مەملىكىتىمىزدىكى 500 مىڭ كارخانا ئۆزىنىڭ تور بېكىتىنى قۇرغان. نۇرغۇن كارخانىلار كارخانا تور بېكىتى قۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغان، %75 كارخانا تور بېكىتىنىڭ كۈندىلىك زىيارەت سانى 200 گىمۇ يەتمەيدىكەن.
كارخانا تور بېكەتلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بولمىسا، ئۇنىڭ قىممىتى ئىپادىلەنمەيدۇ. چېن رۇڭنىڭ «كارخانا تور بېكىتىنىڭ ھېچكىم كۆرمىسە، ئۇنى قۇرغاننىڭ نېمە پايدىسى؟» دېگەن سۆزى كارخانا تور بېكەتلىرىنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
ئۇنداقتا كارخانا تور بېكەتلىرى زادى كارغا كەلمەمدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر ئۇنداق قارىمايدۇ.
«كارخانا تور بېكەتلىرى كارغا كەلمەيدۇ ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن كارخانىچىلار ئۆز تور بېكەتلىرىنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيۋاتىدۇ» دېدى ئالاقە تورى بايلىقى مۇتەخەسسىسى جاڭ جىجۈن خانىم گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىقتىساد-سودا كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان «ئېلېكترونلۇق سودا دەۋرىدىكى كارخانا تورى ماركېتىڭى» دېگەن تېمىدىكى لېكسىيىسىيدە. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: كارخانىلارنىڭ تور بېكىتىنى چۈشىنىشى يېتەرسىز، ئەنئەنىۋى كارخانا تور بېكەتلىرىدە ئاجىزلىقلار كۆپ، مانا بۇ كارخانا تور بېكەتلىرىنىڭ كارغا كەلمەسلىكىدىكى ئاساسىي سەۋەب.
جاڭ جىڭجۈن جۇڭشەن «خۇۋېي» مېتال ماتېرىيال شىركىتىنىڭ تور بېكىتىنى تىلغا ئېلىپ، كارخانا تور بېكەتلىرىدە دائىم كۆرۈلىدىغان يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسەتتى:
بىرىنچى، كارخانا تور بېكەتلىرىنىڭ باش بەتلىرىدە ئەجەللىك يېتەرسىزلىك مەۋجۇت
نۇرغۇن چوڭ كارخانىلارغا ئوخشاش، «خۇۋېي» شىركىتىمۇ تور بېكىتىنىڭ باش بېتىگىمۇ flash كارتون رەسىمى ئىشلەتكەن، تولۇق ئىكرانلىق flash نى قوللانغاندا، تور بەت چىرايلىق كۆرۈنگىنى بىلەن، بۇ بىر چوڭ خاتالىققا يول قويغانلىق. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ بۇنى ئاساسلىقى flash نىڭ ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن.
بىرىنچىدىن، flash ھۆججىتىنىڭ ھەجىمى چوڭ، بۇ تور بېكتىنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بەزى كارخانىلار skip نى ئۇلانما قىلىپ قويغانلىقتىن، زىيارەتچىلەر flash ھۆججىتىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، بىۋاسىتە يېزىق بېتىگە كىرەلەيدۇ. ئىككىنچىدىن، تور بېكەتلىرىنىڭ IE ( (Internet Explorقاتارلىق كۆز يۈگۈرۈتكۈچلىرى flash ھۆججىتىنى چەكلەيدىغان بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا كارخانا تور بېكىتىنىڭ باش بېتىدە ھېچنىمە كۆرۈنمەيدۇ. ئەگەر كارخانا flash تن باشقا ئۇلاش ئېغىزىنى تەمىنلىمىسە، زىيارەتچىلەر تور بەت ئىچىلمىدى، دەپلا ئېتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېزىق بېتىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرمەي قالىدۇ.
ئىككىنچى، تور بەتتىكى ئۇچۇرلا ۋاقتىدا يېڭىلانمايدۇ
نۇرغۇن كارخانىچىلا تور بېكىتىمنى ھېچكىم كۆرمىدى دەپ ئاغرىنىدۇ، لېكىن ئۇلار «تور بېكىتىمنى نېمىشقا باشقىلار كۆرمەيدۇ؟» دېگەننى ئويلىمايدۇ، تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇرغۇن كارخانىلا تور بېكەت ياسىغۇچىلارنىڭ ياكى بىرەر تېخنىكنىڭ باشقۇرۇشىغا تاشلاپ قويىدۇ. بۇنداق بولغاندىكىن، تور بېكەتنىڭ ئەلۋەتتە ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ. تور بېكىتى قۇرۇلغىنىغا بىر-ئىككى يىل بولغان، ئەمما مەزمۇنىدا ئۆزگىرىش بولمىسا، ئۇنى كىممۇ كۆرسۈن؟
ئۈچىنچى، خېرىدارلارنىڭ ئىنكاسى بىلەن كارى يوق
كارخانا تور بېكەتلىرىنىڭ باشقۇرۇلۇشى تولىمۇ پاسسىپ، ئۇچۇرلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى ئاستا، ئۇنىڭ ئۈستىگە خېرىدارلارنىڭ ئىنكاسىنى بىر تەرەپ قىلمايدۇ، بۇ مەسىلە كارخانا تور بېكەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. خېرىدارلارنىڭ كارخانىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشى، باھا سۈرۈشتۈرۈشى ياكى ئۇچۇر ئىگىلىشى، ھەتتا تەنقىدىي پىكىر بېرىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ كارخانىغا قىزىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر كارخانىلار بۇلارغا ۋاقىتىدا ئىنكاس قايتۇرسا، كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كارخانىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىن تارتىپ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگىچە ھېچكىم تور بېكەتكە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ياكى «ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق» دەپلا ئولتۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى خېرىدارلارنىڭ رايىنى ياندۇرۇپ، كارخانىنى نۇرغۇن سودا پۇرسىتىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ.
تۆتىنچى، ئىزدىگۈچتىن كارخانا ئۇچۇرلىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ
نۇرغۇن كارخانا خوجايىنلىرى كارخانا تور بېكىتىنى قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېقىمغا ئەگىشىپ ماڭغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئەمما ئىزدىگۈچتىن شىركىتىنىڭ ئىسمى ۋە مەھسۇلات ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرى تېپىلمايدۇ. تېپىلمىسىغۇ مەيلى، بەزىدە ئەڭ ئاۋۋال كارخانىنىڭ سەلبىي تەرەپلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار تېپىلىپ، كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ.
ئىزدىگۈچ تور ئابونتلىرى كارخانا ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىدىغان تۇنجى قەدەم، كارخانا ئۇچۇرلىرىنىڭ رەت تەرتىپ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كارخانا تور بېكىتىنى قۇرۇشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كارخانىچىلاردا ئاۋۋال تور بېكەت قۇرۇش ئىدىيىسى بولۇشى كېرەك. ئاندىن ئۇلار تور بىلىملىرى بىلەن تونۇشۇپ تور بېكەتنى چۈشىنىشى، شۇنداقلا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك. شۇندىلا ئۇلار كارخانا تور بېكىتىنىڭ پايدىسىنىڭ ھەقىقەتەن زور ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيدۇ.
ئابدۇرېشىت مىجىت تەرجىمىسى
مەنبە: «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»
收藏到:Del.icio.us