يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى : ھەر مىللەت پەرزەنتلىرى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا بەخت تىلىدى
  • يۈ جېڭشېڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى
  • ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى
  • قەشقەردە ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
  • چەرچەن ناھىيەسىدە مېزىلىك تائاملارنى تەييارلاپ،ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
  • شىنجاڭدىكى ياش تور خىزمەتچىلىرى ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
  • گۇما ناھىيەسىدە ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى
  • جايلاردىكى ئامما ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا تەنتەنە قىلىشتى
  • سانجۇ يېزىسىدا ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق كاتتا مەرىكىسىنى قىزغىن تەبرىكلەندى
  • ئارپىلىقتىكى چارۋىچىلار مول پائالىيەتلەر بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
  • ئۈرۈمچى شەھەردىكى ھەرمىللەت خەلىقى يىكەنكۆل خەلىق مەيىدانىدا ئاپتۇنۇم رايۇن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا تەنتەنە قىلىشتى
  • بوستان 2- كەنتىدىكى دېھقانلار مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
  • پىچاندا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلەندى
  • مەكىتتىكى دېھقان رەسساملار ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا تەييارلىدى
  • يەكەن خەلقى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا تەنتەنە قىلدى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    شىنجاڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئاتالغان «قەد كۆتۈرۈش» فىلىمىدە رىيات يۈسۈپ رول ئالىدۇ

    مەنبە :ئۇزار تورى       يوللىغۇچى : يەھياجان ئىبراھىم       يوللانغان ۋاقىت :2015-05-03

    4-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇرپان شەھەرلىك ئايدىڭكۆل يېزىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە شىنجاڭ ئۈن-سىن مەدەنىيەت تەشۋىقات شىركىتى بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالىدىغان، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا سۈپىتىدە سۇنۇلىدىغان مۇھىم فىلىم «قەد كۆتۈرۈش» نىڭ سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر فىلىمغا 12 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 10-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتە قويۇلىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەدەنىيەت بىرلەشمىسى پارتكومىنىڭ سېكىرتارى خۇاڭ يوڭجۈن ئاپپارات ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

    ئىگىلىنىشىچە، «قەد كۆتۈرۈش» ناملىق بۇ فىلىم ئۇيغۇر يېزىلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئازاد بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ئازاد بولغانلىقى ھەمدە يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغانلىق تارىخى سۆزلىنىدۇ. دەل مۇشۇ زور تارىخى ئىسلاھات ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقى فېئودالىزىمنىڭ ئىزىشىدىن ئازاد بولغان. مەزكۇر فىلىم كەڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىش ھەقىقىي تارىخىي كارتىنىسىنى نامايەن قىلغان، سەنئەتلىك ھالدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە پارىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئاستىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى سىياسى، ئىقتىسادى تۇرمۇش جەھەتتە باشقىدىن قەد كۆتۈرۈپ، ئۆزى خان ئۆزى بەگ ھالغا كەلگەنلىكى نامايەن قىلىنىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەدەنىيەت بىرلەشمىسى پارتىكومىنىڭ سېكىرتارى خۇاڭ يوڭجۈن مۇنداق دېدى، شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد بولغانلىقىغا 60 يىل بولدى، پارتىيە مەركىزىنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى ئاستىدا، ئاپتۇنۇم رايونلۇق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە جاپالىق كۆرەش قىلىشى نەتىجىسىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر شەكىللەندى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش ئىستىراتىگىيىسىنى ئاساس قىلىپ، «ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىپ تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ ئۆز-ئارا ياردەملىشىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ ئالغا ئىلگىرلەش» تەك شىنجاڭ روھىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلدى. «بىر گەۋدە كۆپ مەنبەلىك، بىرلىشىپ ئېچىۋىتىش، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇش» تەك زامانىۋى مەدەنىيەت كۆز-قارىشىنى تەشەببۇس قىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىردىن-تۆۋەنگىچە ئىددىيە بىرلىككە كەلدى، كۈچ مەركەزلەشتى، پۇرسەت چىڭ تۇتۇلدى، كېيىن تەرەققىي قىلىپمۇ ئېشىپ كېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەر قايسى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرلەش، يېڭى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى.


    خۇاڭ يوڭجۈن يەنە مۇنداق دېدى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مەزگىلىدە، «قەد كۆتۈرۈش» فىلىمىنىڭ ئىشلىنىشى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر قايسى مىللەت خەلقىنىڭ شىنجاڭنى تىنچ ئازاد قىلغانلىقى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزى خان، ئۆزى بەگ بولغان ھالدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تارىخىنى قايتا ئەسكەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇرۇنقى ئىشلارنى ئۇنتۇماسلىق، كېيىنكى ئىشلارغا ئۈلگە قىلىش كېرەك. تارىخنىڭ قايتا نامايەن بولۇشى كىشىلەرگە تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش، بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇشنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش، كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئاكتىپ ئىددىيىگە تويۇنغان بىر فىلىم، بىز ئاكتىپ فىلىملەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، تەربىيلەش، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر-ئاممىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز ئىجدىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىنى ئىلھاملاندۇرىشىمىز كېرەك.


    ئاپپارات ئېچىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا مۇخبىر داڭلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خۇەنجۇ مەلىكە» دە فۇ ئېركاڭنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس جۇ جىيېنى كۆردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئۇ مەزكۇر فىلىمدە ئازادلىق ئارمىيىنىڭ باتالىيون كوماندى جاڭ ۋېنخۇينىڭ رولىنى ئالىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:«مەن كىنو سىنارىيىسىنى كۆرگەندىن كېيىن بەكمۇ ھاياجانلاندىم ۋە شۇ يەردىلا رول ئېلىشنى قارار قىلدىم. مەن بۇ رولغا چىقىپ ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخنى نامايەن قىلالىسام بەكمۇ پەخىرلىك ھېس قىلىمەن. جاڭ ۋېنخۇيدىن ئىبارەت بۇ رول ئەينى ۋاقىتتا كۆپ قىسىم خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىش ئۈچۈن قۇربان بولغان ئازادلىق ئارمىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كىچىك بىر كارتىنىسى. بۇ فىلىم ئارقىلىق ئەينى يىللىرىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى نامايەن قىلىشنى ۋە شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    رېژىسسور لاڭ چېن مۇنداق دېدى، بىز تارىخنىڭ ئەسلى ئەھۋالىنى ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا يېڭىلىق ياراتتۇق، مەزكۇر فىلىمنىڭ سىنارىيىسى كۆپچىلىك ئۈچۈن بىر پۇرسەت تەمىنلىدى، يەنى ھەقىقىي يىللارغا قايتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئازاد بولۇشتىن بۇرۇن، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار يېرىم فېئودالىزىم، يېرىم دېھقان قۇللۇق جەمئىيەتتە ياشايتتى، بايلار خەلق ئاممىسىنى ۋەھشىيلەرچە ئىزەتتى. فىلىمدە ئازادلىق ئارمىيىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن خەلق ئاممىسى بىلەن يېقىن ئۆتكەنلىكى، ناتونۇش كىشىلەردىن تونۇشلارغا، كېيىن ھايات-ماماتتا بىللە بولىدىغان قېرىنداشلارغا ئايلانغانلىقى، خەلق ئاممىسىغا ياردەملىشىپ قەد كۆتۈرۈپ، ئۆزى خان، ئۆزى بەگ بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇرشى ۋە ھاياتى مۇشۇ سەۋەبلىك ئۆزگەرگەنلىكى نامايەن قىلىنىدۇ، بۇ تارىخنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا، ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، بىز بۇ تارىخنى چىڭ ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەك.

    «قەد كۆتۈرۈش» نىڭ سىنارىيىسىنى جۇ چاۋ يازدى، رېژىسورى لاڭ چېن، باش رولدا جۇ جىيې (ئازادلىق ئارمىيە باتالىيون كوماندىرى جاڭ ۋېنخۇينىڭ رولىنى ئالىدۇ)، مۇرادىل (روزى باينىڭ رولىنى ئالىدۇ)، رىيات يۈسۈپ (ئادىلنىڭ رولىنى ئالىدۇ) دىل خۇمار (ئايگۈلنىڭ رولىنى ئالىدۇ) قاتارلىقلارمۇ ئاپپارات ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.




    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز