ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش ئىسلاھاتى ئېلان قىلىندى
«گوۋۇيۈەننىڭ ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ ئادىللىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمتىھاننى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى قاتتىق باشقۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى 2015-يىللىق 1-قېتىملىق يىغىندا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندا يەتتە تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.
يېڭى تەدبىرلەر ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئارزۇ تولدۇرۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش، باسقۇچقا بۆلۈپ ئارزۇ تولدۇرۇش (ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ)، پۈتۈنلەي تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تۈركۈم بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، نامرات رايونلاردىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئانا تىلدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكىنى تەڭشەش، «قوش تىل» سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنگىلىز تىلى ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇشنى تەرتىپكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2015 - يىلدىن باشلاپ نومۇر (ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئالغان نومۇرى)، رەت تەرتىپى(ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە رەت تەرتىپى)، نومۇر چېكى(ھەر خىل تىلدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ تۈركۈملەر بويىچە ئېلان قىلىنغان نومۇر چېكى) ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ.
باسقۇچقا بۆلۈپ ئارزۇ تولدۇرۇش (ئۆزگەرتىش) يولغا قويۇلىدۇ، يەنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى تولۇق كۇرسىنىڭ نۆلىنچى تۈركۈمدىن ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) نىڭ ئىككىنچى تۈركۈمىگىچە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ. قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە تولۇق كۇرس ئۈچىنچى تۈركۈمدىن باشلاپ بىرلا ۋاقىتتا ئالدىنقى تۈركۈمدىكى ئارزۇسىنى قايتا تەڭشىسە ۋە ياكى كېيىنكى تۈركۈمدىكى ئارزۇسىنى تولدۇرسا (ئۆزگەرتسە) بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئارزۇ تولدۇرۇشنىڭ دەۋرىيلىك ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئارزۇدىن قانائەتلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى خەۋپ-خەتەرنى ئازايتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ.
2015 - يىلدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدا تولۇق كۇرس ئۈچىنچى تۈركۈمدە تامامەن تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ، يەنى، بىر ئارزۇ تەڭداش ئارزۇ گۇرۇپپىسى قىلىنىپ، ئالتە تەڭداش مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ، بۇنىڭدا ھەر بىر مەكتەپتىن ئالتە كەسىپ تاللىنىدۇ.
ئاپتونوم رايون 2015 - يىلىدىن باشلاپ تولۇق كۇرس بىرىنچى، ئىككىنچى تۈركۈمدە ئارزۇ تولدۇرۇش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى قارار قىلدى، تولۇق كۇرس بىرىنچى تۈركۈم بىلەن ئىككىنچى تۈركۈمدە ئوخشاشلا بىر ئارزۇ تەڭداش ئارزۇ گۇرۇپپىسى قىلىنىپ، يەتتە تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ، ھەر بىر ئارزۇدا ئالتە كەسىپ تاللىنىدۇ.
مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات رايونلاردىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈرى ۋە شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ سىياسەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات رايونلار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىشنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، نامرات رايونلاردىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈرى ۋە شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش پىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىجرا قىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بۇ يىل نامرات رايونلاردىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈرى ۋە شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش پىلانى ئارزۇ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭشىدى.
نامرات رايونلاردىكى خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەخسۇس تۈرى ۋە شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش تۈركۈمى پىلانىدا، مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەر ئادەتتىكى تولۇق كۇرس پىلانىدىكى تۈركۈمدىن ئىلگىرى ئارخىپ چىقىرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. يەنى نامرات رايونلاردىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈرى ۋە شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش تولۇق كۇرس بىرىنچى تۈركۈمى پىلانىغا تولۇق كۇرسنىڭ نۆلىنچى تۈركۈمىدىن كېيىن، بىرىنچى تۈركۈمنىڭ ئالدىدا ئارخىپ چىقىرىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ؛ نامرات رايونلاردىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈرى ۋە شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش پىلانىنىڭ تولۇق كۇرس ئىككىنچى تۈركۈمىگە تولۇق كۇرس بىرىنچى تۈركۈمى پىلانىدىن كېيىن، تولۇق كۇرس ئىككىنچى تۈركۈمى پىلانىدىن بۇرۇن ئارخىپ چىقىرىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئانا تىلدا ئىمتىھان بەرگەنلەر، خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، «قوش تىل» سىنىپىدا ئوقۇغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش تولۇق كۇرس تۈركۈمى پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەر ئادەتتىكى تولۇق كۇرس تۈركۈمىدىن كېيىن ئارخىپ چىقىرىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، نامرات رايونلاردىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈرى ۋە شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش پىلانىدا بىرىنچى تۈركۈم بىلەن ئىككىنچى تۈركۈمدە ئوخشاشلا ئىككى مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇلۇپ، ھەر بىر مەكتەپتىن ئالتە كەسىپ تاللىنىدۇ.
2015 - يىلىدىن باشلاپ ئانا تىلدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىشتا ماتېماتىكا نومۇر چېكى بېكىتىپ بېرىلمەيدۇ، ئالىي تېخنىكوم (تولۇق كۇرس) مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ كەسپىي تەربىيەلەش نىشانىغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا ماتېماتىكا نومۇر تەلىپىنى بېكىتسە بولىدۇ.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ۋاقتىنى تېخىمۇ ئىخچام ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىمتىھاننى تەشكىللەش، باشقۇرۇش ۋە كېيىنكى مەزگىللىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون 2015-يىللىق «قوش تىل» سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىنگىلىز تىلى ئىمتىھانى (ئاپتونوم رايون ئۆزى ئىمتىھان سوئالى چىقىرىدۇ، نەتىجىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسىگە قوشۇلمايدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا پايدىلىنىدۇ) نىڭ ۋاقتىنى ئەسلىدىكى 9 -ئىيۇن چۈشتىن كېيىن 15:00 − 17:00 (بېيجىڭ ۋاقتى) دىن، 9 - ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى 9:00 − 11:00 (بېيجىڭ ۋاقتى)گە تەڭشىدى.
«پىكىر» ۋە «مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ج خ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى ۋە نومۇر قىممىتىنى يەنىمۇ ئازايتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى »نىڭ روھىغا ئاساسەن، توغرا ئادەم تەربىيەلەش يېتەكچى يۆلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاكتىپ، مۇۋاپىق بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش يېتەكچى فاڭجىنىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندا نومۇر قوشۇپ بېرىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا تەرتىپكە سالدى ۋە قېلىپلاشتۇردى.
مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىلھاملاندۇرۇش تۈردىكى قىسمەن نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
2015-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، تۆۋەندىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىلھاملاندۇرۇش تۈرىدىكى قىسمەن نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ 2015-يىلى 1-يانۋاردىن ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدا تۆۋەندىكىدەك مۇكاپات تۈرلىرىگە ئېرىشكەن مۇشۇ قاراردا ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ نەتىجىسىگە بەش نومۇر قوشۇلۇپ ئارخىپ چىقىرىلسا بولىدۇ.
1. مۇشۇ قاراردا ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، ئۇچۇر تېخنىكىسى) ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە ئالدىنقى 3 - لىككىچە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار؛
2. مۇشۇ قاراردا ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەملىكەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى (مەملىكەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر بىيولوگىيە ۋە مۇھىت ئىلمى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، «كەلگۈسىدىكى كىچىك ئالىم» مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توردا لايىھەلەش پائالىيىتى قاتارلىق مۇسابىقىلەردە ئالدىنقى 2 - لىككىچە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار؛
3. مۇشۇ قاراردا ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا خەلقئارالىق ئىلىم-پەن ۋە قۇرۇلۇش مۇسابىقىسى ياكى خەلقئارا مۇھىت پەن-تەتقىقات تۈرلىرى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ؛
4. مۇشۇ قاراردا ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا خەلقئارالىق چوڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر تۈرىدە ھەمدە مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ شەخسلەر تۈرىدە ئالدىنقى 6-لىككىچە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار؛
مەملىكەت خاراكتېرلىك نامراتلارنى يۆلەش تۈردىكى قىسمەن نومۇر قوشۇش تۈرلىرى داۋاملىق ساقلاپ قېلىندۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.
مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىقىغا چېتىشلىق بولغان، سىياسىيلىقى ۋە سىياسەتچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان مەملىكەت خاراكتېرلىك نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىكى نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى داۋاملىق ساقلاپ قېلىنىدۇ.
1. ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنىڭ پەرزەنتلىرى، نوپۇسى تەيۋەندە بولغان ئوقۇغۇچىلار (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇھاجىرلار ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان تىزىملىك ئاساس قىلىنىدۇ ) نىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە 10 نومۇر قوشۇپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ.
2. ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق خەلق ئىشلىرى نازارىتى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان تىزىملىك ئاساس قىلىندۇ) نىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتجىسىگە 20 نومۇر قوشۇپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ.
3. قىسمىدىن چېكىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسىگە 10 نومۇر قوشۇلۇپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ، قىسمىدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئارسىدىكى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مەزگىلىدە 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) خىزمەت كۆرسەتكەن ياكى چوڭ ھەربىي رايوندىن يۇقىرى (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئورۇنلار تەرىپىدىن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەنلەرنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسىگە 20 نومۇر قوشۇپ ،ئارخىپ چىقىرىلىدۇ.
4. خۇيزۇ ئوقۇغۇچىلار (ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان تىزىملىك ئاساس قىلىنىدۇ) نىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە 10 قوشۇپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ.
5. خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن، خەنزۇتىلى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ياكى خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، تاجىك، شىبە، ئۆزبېك، تاتار، داغۇر، زاڭزۇ ۋە رۇس قاتارلىق 11 ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى (قىسقارتىلىپ «خەنزۇ تىلدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى» دېيىلىدۇ) نى قوبۇل قىلىشتا تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالغا ئاساسەن ئېتىبار قىلىنىدۇ: ئاتا - ئانىسى ئىككىلا تەرەپ يۇقىرىدا دېيىلگەن مىللەت بولسا 50 نومۇر، بىر تەرەپ يۇقىرىدا دېيىلگەن مىللەت بولسا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ.
ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشقان ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتتىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن خەنزۇ ۋە باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى («خەنزۇ تىلدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى » دەپ ئېتىبار قىلىنىدىغان 11 ئاز سانلىق مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) (قىسقارتىلىپ « ئاز سانلىق مىللەت تىلدا ئىمتىھان بەرگەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار» دېيىلىدۇ) نى قوبۇل قىلىشتا «خەنزۇ تىلدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى» غا نومۇر جەھەتتە ئېتىبار بېرىش بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
2015-يىلىدىن باشلاپ، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي پەن تۈرىدە ئاز سانلىق مىللەت تىل -يېزىقى بىلەن ئىمتىھان بەرگەن قوش تىللىق ئىجتىمائىي پەن سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى (1-ئەندىزە) ئاز سانلىق مىللەت تىلى تۈرى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرنىلا تاللاشقا بولىدۇ؛ باشقا قوش تىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرنى تاللاشقا بولىدۇ، خەنزۇ تىلى، ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرنى تاللاشقا بولمايدۇ. قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرنى تاللىغان قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالغا ئاساسەن ئېتىبار قىلىنىدۇ: ئاتا - ئانىسى ئىككىلا تەرەپ يۇقىرىدا دېيىلگەن 11 مىللەتنىڭ بىرى بولسا 50 نومۇر، بىر تەرەپ يۇقىرىدا دېيىلگەن مىللەت بولسا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك تىل تۈرىدىكى ئىمتىھانغا قاتناشقان ئاز سانلىق مىللەت سالاھىيىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئالاھىدە ئېتىبار سىياسىتىدىن سىرت نومۇر قوشۇپ بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولغان باشقا ئوقۇغۇچىلارغا قوشۇپ بېرىلگەن جەمئىي نومۇر 20 نومۇردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
يەرلىك خاراكتېرلىك نومۇر قوشۇپ بېرىش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.
1.«يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلار شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ياكى «پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئاتا-ئانىلار شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان دېھقان-چارۋىچى ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتى بولغان ئوقۇغۇچىلار (ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان تىزىملىك ئاساس قىلىنىدۇ) تولدۇرغان ئارزۇ تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلسە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئومۇمىي نومۇرى نەتىجىسىگە 10 نومۇر قوشۇلۇپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ، قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى بەلگىلەيدۇ: (1) تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس تۈركۈمىنىڭ ھەر قايسىسىدا ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى مەكتەپلەرنى تاللىغان بولسا؛ (2) تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس تۈركۈمىدىن سىرت باشقا تۈركۈمنىڭ 1-ئارزۇ گۇرۇپپىسىدا ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تاللىغان بولسا؛ (3) ئاپتونوم رايون ئۆزى ئۇيۇشتۇرغان «ئۈچ خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى» ئىمتىھانىغا قاتناشقان ھەمدە ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي مائارىپ كەسپىنى تاللىغان بولسا؛ ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تاللىغانلارغا نومۇر قوشۇپ بېرىلمەيدۇ.
2. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتى قاتارلىق 10 نازارەت، ئىدارە بىرلىشىپ تارقاتقان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ساقچىلىرىنىڭ نەپىقە، ئېتىبار چارىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» (ش خ ئى خەتلىك ‹2014› 144-نومۇرلۇق) دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن (1) ج خ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن 1-، 2-دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ نام بېرىلگەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى، مېيىپ-مەجرۇھ بولغان خەلق ساقچىسى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى، 1-دەرىجىلىكتىن 4-دەرىجىلىككىچە مېيىپ بولغان خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تاللىغان بولسا، بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى ئومۇمىي نومۇرىغا 10 نومۇر قوشۇپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ، مەكتەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى بەلگىلەيدۇ؛ (2) شەرەپ بىلەن 1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى ئوفىتسېرلار ئىنىستېتۇتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تۈرىدىكى كەسىپلىرىنى تاللىغاندا بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى ئومۇمىي نومۇرىغا 10 نومۇر قوشۇپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ، مەكتەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى بەلگىلەيدۇ.
(مەنبە : «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۈندىدار سالونى» دىن خۇلېي رەتلەپ تەمىنلىگەن)