A-A+

350 مىڭ يۈەنلىك كىتاب (خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 99 )

2015-يىل 30-مارت ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 626 قېتىم

خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...

يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...

يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى

1

2014-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى دىمكۇراتىيە يولىغا جايلاشقان يىتىيەنياڭ مېھمانخانىسىدا  تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك خوتەن قاشگەرلىك مەدەنىيىتى تەرەققىياتى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىلدى.ھەم  يىغىندا شىنجاڭ خوتەن زىرە قاشلىرىنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى ۋە ئۆرنەكلىرى دېگەن كىتاب تارقىتىلدى. خوتەن قاشگەرلىكى كەسپى خەير-ساخاۋەت فوندى قۇرۇلدى.

بۇ كىتابنى سىتىۋالغان داڭلىق قاش ئويمىچىلىق ئۇستىسى جاڭشى ئەپەندىم

2

كىتابنى تۈزگەن تۆت مۇتەخخەسىس

كىتابنى-تۈزگەن-تۆت-مۇتەخەسسىس1

مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىمزاسى

مۇتەخەسىسلەرنىڭ-ئىمزاسى1

يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

يىغىن-مەيدانىدىن-كۆرۈنۈش1

يىغىندا شىنجاڭ خوتەن قاشلىرى بازار ئۇچۇرى بىرلەشمىسى خوتەن  قاشگەرلىكى كەسپى خەير-ساخاۋەت فوندىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھەم  شىنجاڭ خوتەن زىرە قاشلىرىنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى ۋە ئۆرنەكلىرى دېگەن كىتابنىڭ ئەتىۋارلىق بىر پارچە  خاتىرە نۇسخىسىغا يىغىنغا قاتناشقان يۈز نەچچە مۇتەخەسسىس، ئالىم،قاشتېشى ئويمىچىلىق ئۇستىلىرى كوللىكتىپ ئىمزا قۇيدى.ۋە بۇ بىر پارچە كىتاپ كىم ئاشىدۇ قىلىپ ،ئون مىڭ يۈەن باشلىنىش باھاسى بويىچە تالاشتۇرۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈچ يۈز ئەللىك مىڭ يۈەنگە سېتىلدى. ھەم بۇ 

 پۇل خوتەن قاشگەرلىكى كەسپى خەير-ساخاۋەت فوندىغائىئانە قىلىندى.

مەنبە : 中国和田玉鉴赏网

2014-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ