A-A+

خوتەن قاش ئويمىچىلىقى(2)

2016-يىل 28-سېنتەبىر ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 318 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

20080722_4b14104478b11a7e104fck2inoypiriu

خوتەن قاش ئويمىچىلىقى تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن ، تەۋەرۈك كەسىپلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر . تۈرلۈك تارىخى ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى دىيارىمىزنىڭ قاش ئويمىچىلىقى ناھايىتى كېيىن قالغان بولسىمۇ ، لېكىن ھازىرقى تەرەققىيات سۈرئىتى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ . شىنجاڭ كەسپى ئۇنىۋېرسىتىدا خوتەن قاش ئىنىستىتىتىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە مۇنتىزىم تالانت ئىگىلىرىنى تەربىيلىشى ؛ خوتەن ناھىيەلىك كەسپى مەكتىپىنىڭ  قاش ئويمىچىلىق كەسپى بويىچە قاش ئويمىچىلىرى ھەقسىز تەربىيلىشى قاش ئويمىچىلىقىمىزنىڭ مۇنتىزىم تەرەققىيات رېلىسىغا كىرگەنلىكىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرۇپتۇ . بۇ بىر كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان خۇشاللىنارلىق ئىش . دىيارىمىزنىڭ قاش بايلىق ئۈستۈنلىكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلىككە ئايلاندۇرۇشتىكى مۇھىم بىر بۆسۈش .

u35447702503615022867fm21gp0

ئۇزۇن يىللىق قاش ئويمىچىلىقى جەريانىدا نۇرغۇن ئويمىچىلىق ئۇسۇللىرى ئىجاد قىلىنغان ۋە تەدرىجىي مۇكەممەللەشكەن . ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىمىز  قاش ئويمىچىلىقىدا قوللىنىلىدىغان ئاساسلىق ئويمىچىلىق ئۇسۇللىرىنى توپلاپ ، رەتلەپ  ئاۋام خەلقكە سۇنماقچى . قاش ئويمىچىلىقىدا قوللىنىلىدىغان ئويمىچىلىق ئۇسۇللىرى ئون نەچچە خىل بولۇپ بىز دائىم قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللارنىلا تۇنۇشتۇرىمىز :

u15925757071687793097fm21gp0

2 . كۆنەگىسىمان ئۇيۇش تېخنىكىسى

tou diao  透雕

بۇ خىل ئويمىچىلىق ئۇسۇلى قاپاقسىمان (كاۋاك) ئۇيۇش ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ ،  قاپارتما نەقىش ئۇسۇلىدىن تەرەققىي قىلغان. كۆنەگىسىمان ئۇيۇش ئۇسۇلىغا قۇيۇلىدىغان تەلەپ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ ، بىر پارچە كۆنەگىسىمان ئويمىنى ئۇيۇشقا ئادەتتە ئىككىدىن - ئۈچكىچە ئويمىچى ( ياكى ئۇيۇش باسقۇچى ) كېتىدۇ .

gucnp_u274107t020089811389190827816

 ئەڭ ئاۋۋال چىريىتوژنى سىزىپ ، قاشنى ئاستى قىسمىنى پولات ھەرىدە چىرتىيوژدا كۆرسىتىلگىنى بويىچە ناھايىتى ئىخلاس بىلەن  ئۇيىمىز ( بۇ جەريان تەكرار نەچچە رەت ئېلىپ بېرىلىدۇ ).تەكتى قىسمى پۈتكەندە ئويمىنى يەنە بىر كۆھكەن قولىغا ئېلىپ ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن ئويىدۇ ، ئىش ھالقىسىمۇ ئىنچىكە ھەم كۆپ بولىدۇ . 

كۆنەگىسىمان ئويما نېپىز ، چىرتىيوژى مۇرەككەپ بولغاچقا پارقىرىتىشمۇ ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىدۇ. 

كۆنەگىسىمان ئويما خوتەن قاشلىرىنىڭ نەپىسلىكى ، پارقىراقلىقى ، گۈزەللىكىنى تېخىمۇ بەك جۇلالاندۇرىدۇ .

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ