A-A+
جۇڭگۇ گىرىم بۇيۇملىرى بازىرى(جۇڭگۇدىكى چوڭ بازارلار 32)
جۇڭگۇ گىرىم بۇيۇملىرى بازىرى
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى
گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى گۇاڭجۇ شەھىرى بەييۈن رايۇنىغا جايلاشقان مېيبوچېڭ گىرىم بۇيۇملىرى شەھەرچىسى ئاسىيادىكى كۆلىمى چوڭ ، كەسىپلەشكەن گىرىم بۇيۇملىرى شەھەرچىسى ۋە گۇاڭجۇدىكى 12 چوڭ سودا بازىرىنىڭ بىرى .
بۇ بازارنى گۇاڭجۇ ئەنخۇا مېيبو گوروھى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ ، كۆلىمى 40 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ.
بازاردا گىرىم بۇيۇمى ،ئەتىر ، چاچ ئاسراش بۇيۇمى ....... قاتارلىق گۈزەللىككە ئائىت ھەر قانداق بۇيۇم بار . بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 9 دىن كەچ سائەت 5 كىچە تىجارەت قىلىدۇ.
مەنزىل : گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى گۇاڭجۇ شەھىرى بەييۈن رايۇنى گۇاڭيۈەن غەربى يولى
地址 : 广东省广州市白云区广元西路