زىيان ئارقىلىق پايدا ئېلىشنى بىلىش كېرەك
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
5 - باب 1 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: سودا قىلىشتا قانداق پۇل تېپىشنى ئويلاش كېرەك، تاپقىلى بولىدىغان ھەر قانداق پۇلنى تېپىش، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىش لازىم.
ۋېنجۇلۇقلار: سودا قىلىشتا ئۆزىنىلا ئويلاشقا بولمايدۇ، 10 يۈەن تاپقىلى بولىدىغان سودىدىن ئۆزىمىز ئالتە يۈەن تاپساقلا بولدى، قالغان تۆت يۈەننى باشقىلار تېپىشى كېرەك، بۇنداقتا ھەممەيلەن پۇل تاپالايدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا باشقىلار پۇل تاپقان ۋاقتتا سىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، سىزنىڭ پۇل تېپىش پۇرسىتىڭىزمۇ كۆپ بولىدۇ.
سودا قىلىشتىكى مەقسەت پۇل تېپىش، بۇنىڭ قىلچە خاتاسى يوق. بىراق پۇل تېپىشنىڭمۇ خاتاسى بولىدۇ . بەزىلەر ھەمىشە پۇلغا كۆزىنى تىكىپ پايدىنىڭ چوڭىنى ئېلىشنى ئويلايدۇ، نەتىجىدە دائىم خېرىداردىن ئايرىلىپ قالىدۇ-دە، كېيىنكى سودىسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ دەل كىچىك پايدىنى دەپ چوڭ پايدىدىن قۇرۇق قېلىشتۇر!
ئەمما ۋېنجۇلۇقلار ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، تىجارەت قىلىشتا چوقۇم يىراققا قاراش كېرەك، پۇلنى تېپىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا سودا قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئوبراز ۋە ئىناۋىتىگە دېققەت قىلىش كېرەك، مۇنداق بولغاندا پايدا ئۆزلۈكىدىن كېلىدۇ-دە، پۇل تاپىدىغان تىجارەتنىڭ يوقلۇقىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. دەل بۇ خىل ئىدىيە بولغاچقا، ۋېنجۇلۇقلار زىيان چىقىدىغان سودىلاردىمۇ يىراقنى كۆزلەيدۇ، ئۇلار زىيان تارتىشنى بىر خىل مەبلەغ ۋە تەجرىبە دەپ قارايدۇ.
نىڭبو داشىجى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، نىڭبو ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چېن جېڭگۇاڭ مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەن:
«ئەينى ۋاقتتا ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئەمدىلا باشلانغاندا، تاۋار ئوبوروتى ناھايىتى قالاق بولۇپ، ئۇ ۋاقتلار تىجارەت قىلىش ئاسان ۋاقتلار ئىدى. مەن نىڭبوغا كېلىپ ئىككى ھەمراھىم بىلەن نەچچە خىل تاۋارنى سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىن كېمىگە قاچىلىدۇق. شۇ چاغدا تۇيۇقسىز تاۋخۇا ئارىلىدىن كەلگەن بىر ئادەمگە يولۇقۇپ قالدۇق، ئۇ بىزگە سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولغان قۇرۇتۇلغان سىياھ بېلىق بارلىقىنى ئېيىتتى، بىز مال كىرگۈزۈپ يەنە نەچچە ئون مىڭ يۈەن ئېشىپ قالغان ئىدى، شۇڭا بىز سېتىۋېلىشنى قارار قىلدۇق. مەن ئۇلارغا مالنى قاچىلاشنى، ھەممىنى سېتىۋالدىغانلىقىمىزنى ئېيتتىم، بېلىقلار 2000 كلوگرامدىن ئارتۇق ئىدى. ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ پۇلنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، مەن بۇ بېلىقلارنى 2000 كلوگرام چىقمايدىغاندەك ھېس قىلدىم. مەن بىر نەچچە خالتىنى قايتىدىن ئۆلچەپ باقتىم، كېيىن بۇ بېلىقلارنىڭ پەقەت 950 كلوگرام چىقىدىغانلىقى ئېنىقلاندى.»
بىر قېتىملىق سودىدىلا باشقىلار ئۇنى 1000 كلوگرامدىن كۆپرەك بېلىقنى ئاز بىرىپ ئالدىغان ئىدى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. بىراق چېن جېڭگۇاڭ بۇنداق بولمىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، سودىدا ئالدىنىپ زىيان تارتىش ناھايىتى نورمال ئىش ئىدى. پەقەت ئۆزىگە لازىملىق ئازراق تەجرىبە توپلىۋالسا، ئۇ نەزىرىنى يىراققا تىكىپ بىر ئاز «ئوقۇش پۇلى» تاپشۇرۇپ تىجارەتنىڭ ئېپىنى چۈشىنىشكە رازى ئىدى، بۇنىڭدىنمۇ زىيان چىقمايىتتى.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بەزى جايلاردا مەن زىيان تارتتىم. نىڭبولۇقلارنىڭ بىر ئېغىز گېپى بويىچە ئېيىتقاندا، زىيان تارتسا ئەرزىيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بىز ئىلگىرى قىلغان ئىشلار مەيلى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشسۇن ياكى زىيان تارتقان بولايلى، ھەممىسى ئەرزىيدۇ.»
ئامېرىكا نايكى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى فېر.نەيت مۇنداق دېگەن: «بەزىدە زىيان تارتىش ۋە چېكىنىشمۇ بىر بەخت.» ۋېنجۇلۇق نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر بۇ بىر جۈملە سۆزگە مۇجەسسەملەنگەن قائىدىنى ھېس قىلىپ يەتكەن.
ليۇ خوجايىن ئىسىملىك ۋېنجۇلۇق بىر سودىگەر بولۇپ، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ تۇڭچۈەن شەھىرىدە ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى ئاچقان.
بىر قېتىم كونا خېرىدار كېلىپ زاپچاس سېتىۋالماقچى بولغان، ئەپسۇسلىنارلىقى ليۇ خوجايىن شىركەتنىڭ ئامبىرىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ بۇ زاپچاس يوق بولۇپ چىققان. بىراق بۇ خېرىدار ناھايىتى ئالدىرايىتتى، چۈنكى ئۇ بۇ زاپچاسنى ئالالمىغاندا، ئۇنىڭ كارخانىسى ئىش توختىتىشقا مەجبۇر بولاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كۈن ئىش توختاتسا 50 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك زىيان تارتاتتى.
خېرىدارنىڭ بۇنچە جىددىيلەشكەنلىكىنى كۆرۈپ ليۇ خوجايىن بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرسە، بىر تەرەپتىن بىر كۈننىڭ ئىچىدە زاپچاسنى چوقۇم تاپىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
خېرىدار كېتىشىگىلا ئۇ ئۆزى شىئەندىكى مال تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ قېشىغا بارغان. كىم بىلسۇن، بۇ يەردىمۇ ئۇ زاپچاس يوق ئىدى. ئۇ ئامالسىزلىقتىن كېچىلەپ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ خاڭجۇغا كېلىدۇ، ئاندىن ماشىنا بىلەن ۋېنجۇغا كېلىدۇ.بۇ چاغدا ئاللىقاچان سەھەر سائەت تۆت بولغان ئىدى. ليۇ خوجايىن ھېرىپ-چارچىغىنىغا قارىماستىن ۋېنجۇدىكى مۇناسىۋەتلىك زاۋۇتلار بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. نەتىجىدە ئون نەچچە زاۋۇت بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن ئۇ زاپچاس ئاخىرى تېپىلىدۇ.
زاپچاسنى ئالغاندىن كېيىن، ليۇ خوجايىن تېز سۈرئەتتە ۋېنجۇ ئايرودورومىغا قاراپ چاپىدۇ، ھەتتا ماشىنىدىن چۈشۈپ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشكىمۇ ۋاقت چىقمايدۇ.
ئىككىنچى كۈنى، ئۇ مالنى خېرىدارغا تاپشۇرغان ۋاقتتا، خېرىدار تەسىرلىنىپ تىلى گەپكە كەلمەي قالىدۇ.
بۇ قېتىملىق سودا ليۇ خوجايىنغا نىسبەتەن زىيان چىققان سودا ئىدى. چۈنكى بۇ زاپچاس 300 يۈەن بولۇپ، پايدىسى 30 يۈەن ئىدى، بىراق ليۇ خوجايىن 3000 يۈەندىن كۆپرەك كىرا ھەققى خەجلىگەن ئىدى.
ئەلۋەتتە ،يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا ليۇ خوجايىن نەچچە مىڭ يۈەن زىيان تارتقان، بىراق ئۇ خېرىدارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. ئىككىنچى كۈنى ئۇ خېرىدارنىڭ كارخانىسى داقا-دۇمباق چالغىنىچە بېغىشلىما يېزىپ كەلگەن، يەنە يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنى باشلاپ كېلىپ ليۇ خوجايىننى زىيارەت قىلغان، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ خېرىدارلار ئۈچۈنلا ئويلاشتەك ئېسىل پەزىلىتىنى تەشۋىق قىلغان.
شۇنداق قىلىپ، ليۇ خوجايىننىڭ زىيان تارتسىمۇ خېرىدارنى قاچۇرماسلىقتەك ھېكايىسى كەسپكارلار ئىچىدە تارقىلىپ، ئۇنىڭ تىجارىتى روناق تېپىپ كەتكەن، ئېرىشكەن بايلىقىمۇ نەچچە مىڭ يۈەنلىك زىياندىن كۆپ بولغان.
شاڭخەي ئەنشىن تاختاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لۈ ۋېيگۇاڭمۇ زىيان تارتىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ئادەم. ئۇ ئۆزىگە خاس نەزەر-دائىرىسگە تايىنىپ، پايدىنى ھازىرقى تەرەققىياتقا «تېگىشكەن.»
ئۇ قېتىمقى ئىش 2001-يىلى يۈز بەرگەن. 2001-يىلى لۈ ۋېيگۇاڭ بىرازىليەدە بىر قېتىمئۆزى بىلىپ تۇرۇپ زىيان تارتىدىغان سودىنى قىلغان. بۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە نورمال سودا ئەمەس ئىدى، بىراق لۈ ۋېيگۇاڭ بۇنداق قارىمىغان.
«مەن بالدۇرلا ئامازون ئورمانلىقىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىم، ئۇ يەردىكى دەرەخلەر جانلىق ئىدى، ھۈجەيرىسى بار بولۇپ، نەپەسلىنەلەيىتتى، سۆزلىيەلەيىتتى.» دەل-دەرەخلەر ئۈچۈن لۈ ۋېيگۇاڭ نۇرغۇنلىغان بەدەللەرنى تۆلىگەن.
2001-يىلىدىكى چاغاننىڭ ھارپىسىدا، بازار ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، ئاسىيالىق نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر زاكاس مىقدارىنى كۆپەيتكەن. ئەنئەنىۋى ئادەتكە ئاساسلانغاندا، ئۇ ۋاقتتا كۆپ قىسىم بېزەكچىلىك قۇرۇلۇشلىرى ئىش توختاتقاچقا مال سېتىۋالىدىغان ئادەم يوق ئىدى، ھەمدە سودىگەرلەرنىڭ قولىدىكى نەق پۇل بىردەمدىلا قىس بولاتتى.
بىراق دەل مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، رۇپىيە (ھىندونېزىيە پۇل بىرلىكى) كىرىزىسى پارتىلىغان .بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە بىر دوللارنى 8500 رۇپىيەگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان نىسپەت ئۆزگۈرۈپ بىردەمدىلا بىر دوللارنى 13000 رۇپىيەگە ئالماشتۇرىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىققان، بۇنىڭ بىلەن كۆپ قىسىم سودىگەرلەر ھىندونېزىيەدىن ياغاچ ماتېرىياللىرى سېتىۋېلىپ، بىرازىليەدىن كىرگۈزۈشنى توختاتقان.
ئەينى ۋاقتتا لۈ ۋېيگۇاڭ ناھايىتى ئىككىلەنگەن: ئەگەر ئەسلىدىكى توختامدا بەلگىلەنگەن باھا بويىچە بىرازىليەدىن مال كىرگۈزسە، ئەلۋەتتە بىرازىليەلىكلەرنىڭ ھۆرمىتى ۋە ياختۇرۇشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، كېيىن تېخىمۇ ئېتىبار باھادا مال كىرگۈزگىلى بولىدۇ، بىراق قەرز ئۆسۈمىگە پىرېۋوت زىينىنى قوشقاندا 17 مىليون يۈەندىن ئارتۇق زىيان چىقىدۇ. بۇ ئەينى ۋاقتتا لۈ ۋېيگۇاڭنىڭ شىركىتىنىڭ بىر يىللىق كىرىمىگە تەڭ ئىدى. ئەگەر توختامغا خىلاپلىق قىلسا، ئۇنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان بىرازىليەدە تىكلىگەن ئىناۋىتى نۆلگە تەڭ بولاتتى.
قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ قارارنى چىقىرىش ھەقىقەتەن تەس ئىدى.
ئەينى ۋاقتتا لۈ ۋېيگۇاڭ سەزگۈرلۈك بىلەن تونۇپ يەتكەنكى، كەلگۈسى ئىكى-ئۈچ يىل ئىچىدە جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپى يەنە تەرەققىي قىلاتتى، شۇ ۋاقتتا ئۆزىگىمۇ تارتقان زىينىنى تولدۇرىدىغان پۇرسەت چىقاتتى. بۇنداق زور زىيانغا نىسبەتەن، لۈ ۋېيگۇاڭ ئۆزىنىڭ قانچىلىك ۋاقتتا زىياننى تولدۇرىۋالىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەلمىگەن، ئەمما ئۇ يەنىلا قارىشى تەرەپنىڭ ھېساباتىغا مال پۇلىنى سېلىۋەتكەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئادەتتە باشقىلاردىن كۆپ قەرز ئالمايمەن. بىراق ئۇ چاغدا ۋاقت ناھايىتى جىددىي بولغاچقا، مەن ئايالىم ۋە ئىنىمنى ۋېنجۇغا ئەۋەتىپ، بىر كۈندىلا بىر مىليون يۈەن قەرز ئالدىم، بۇ پۇلنى خالتىغا قاچىلاپ شاڭخەيگە ئېلىپ كېلىپ ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ ھەققىنى دەل ۋاقتىدا تۆلىۋەتتىم.»
لۈ ۋېيگۇاڭنىڭ قارىشىچە، ئورمانلىقتىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ ھەر يىلى ئاز-ئازدىن ئۆسكىنىگە ئوخشاش، بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئۆز قەرەلى بار ئىدى. بۇ چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، تارتىشقا تېگىشلىك زىيان ئىدى. جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈكچىلىك كەسپى تېز سۈرئەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتاتتى، شۇڭا بۇ تەننەرخنى ئۇ كۆتۈرەلەيتى.
ئۇ قېتىمقى ئىشتىن كېيىن لۈ ۋېيگۇاڭ 15 مىليون يۈەن زىيان تارتقان، بىراق «شاڭخەي ئەنشىن ئىناۋەتكە ئېتىبار بېرىدۇ» دېگەن خەۋەر بىرازىليەنى قاپلاپ كەتكەن. لۈ ۋېيگۇاڭنىڭ دوستلۇقى ۋە سەمىمىيلىكى جاۋابقا ئېرىشكەن، 150 تىن كۆپرەك ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتى ئۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان، ھەتتا يەرلىك ئىندىئانلارمۇ ئۇنىڭ دوستلىرىغا ئايلانغان. لۈ ۋېيگۇاڭ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقتتىكى قارارىنى ئويلاپ مۇنداق دېگەن: «ھازىر ئويلىسام مەن ناھايىتى تەلەيلىككەنمەن، چۈنكى ئەينى ۋاقتتىكى كۆپ قىسىم سودىگەرلەر توختامغا خىلاپلىق قىلىش بەدىلىگە زىياندىن قۇتۇلۇپ قالماقچى بولغان. ئەمما مەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرگە مەبلەغ سېلىپ بېرىپلا قالماستىن، يەنە بىرازىليەدە ياخشى نامىمنى قالدۇردۇم، باشقا تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرمۇ ماڭا مال تەمىنلەشكە مايىل بولۇشقا باشلىدى.»
ئەنشىن شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لۈ ۋېيگۇاڭنىڭ ئايالى چېن خاۋ مۇنداق دېگەن: «ۋېيگۇاڭ ئىناۋەت تىكلەشنى ناھايىتى تەس دەپ قارايدۇ. ئۇ ئادەتتە باشقىلارنىڭ مال باھاسىنى ئۆرلىتىشى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇ پەقەت مالنىڭ سۈپىتى ۋە سانىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەن ئۇنى دۆت دەپ ئەيىپلەيمەن! ئەمما باشقىلار ئۇنى ئەخمەقكەن دەپ ئويلىغانلىقتىنمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.»
سودا مەيدانلىرىدا ھەممىنى زىغىرلاپ ئولتۇرۇش ياخشى ئەمەس. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەددىدىن زىيادە ئەقللىق سودىگەر بىلەن سودا قىلىشتىن قورقىدۇ، چۈنكى ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن پايدىلىنىپ كېتىشىدىن، زىيان تارتىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ، ئەگەر سىز كۆز ئالدىدىكى پايدا-زىيان بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان، كەلگۈسى تەرەققىياتنى ئەۋزەل بىلىدىغان ئادەم بولسىڭىز، باشقىلار سىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، سودا-تىجارەت پائالىيىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىر خىل ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەقلىي كۈچ ۋە سىتراتېگىيە سىنىشىشىدىن ئىبارەت. مۇۋاپىق زىيان تارتىش ئەمەلىيەتتە سودىدىكى يىراقنى كۆرەرلىك. سودا نەقىللرىدە شۇنداق دېيىلىدۇ: «بېلىق تۇتۇشتا يىپنى ئۇزۇن قويۇۋەتكەنگە ئوخشاش، پۇل تېپىشتىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك.» سودا مەيدانلىرىدىكى زىيانغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، چوقۇم يىراقنى كۆرۈش ، ھەرگىزمۇ «كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت» نىلا كۆرمەسلىك كېرەك ، ۋاقتلىق پايدىغا زىيادە ئېتىبار بەرگەندە ئۇزۇن مەزگىللىك پايدىدىن قۇرۇق قالىمىز.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
ئادىمىيلىكنى تەكتلەش كېرەك، مەيلى كارخانا قۇرۇش ياكى ئادەم بولۇشتا بولسۇن، كارخانا چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، چوقۇم ئاقكۆڭۈل بولۇش كېرەك. كارخانا بىلەن ئادەم ئۆز-ئارا بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، بەدەل تۆلىگەندە ئاندىن ئېرىشكىلى بولىدۇ، مەن بۇ خىل سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىشىنىمەن.
-جۇڭگو شېنلى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى جېڭ شېڭتاۋ
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 23 -كۈنى