توقسان بەشنىڭ ئەتىۋارلىق كېرىيە كان قېشى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى
توقسان بەشنىڭ كېرىيە كان قېشى ھەققىدە گەپ بولۇنسىلا بۇ قىممەتلىك گۈھەرگە ئېرىشەلمەي قالغان يىغىپ ساقلىغۇچىلار چۇڭقۇر خۇرسىنىپ ئۇھ تارتىشىدۇ.چۈنكى توقسان بەشنىڭ بۇ ئىسىل كان قېشى خوتەن قاش تارىخىدىكى بىر يۇرۇق نوقتا بولۇپ ھازىر قاش-تاش بازارلىرىدىن تېپىلمايدۇ.
توقسان بەشنىڭ قېشى قۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئوتتۇرا بەلۋىغىغا جايلاشقان كېرىيە ناھىيىسى تەۋەلىكىدىن 1995-يىلى قېزىۋىلىنغان بولۇپ،بۇ كان قېشى ھەققىدىكى ئاجايىپ ھىكايىلار بىر مەھەل تور بەتلىرىنى قاپلىغان ئىدى.
1995-يىلى 5- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى پادا باقىدىغان ئويغۇر ئۆسمۈر مال بېقىۋاتقاندا تېپىۋالغان ئالقانچىلىك چوڭلۇقتىكى بىر پارچە كان قېشىنى يېقىن ئەتراپتا كان ھۆددە ئېلىپ ئېچىۋاتقان خەنزۇ خوجايىنغا بەش يۇەنگە سېتىپ بىرىدۇ. خوجايىننىڭ بۇ تاشنى كۈرۇپ كۆزلىرى يۇرۇپ كېتىدۇ.‹‹ نىمە دىگەن ئاق، زىچلىقى نىمە دىگەن يۇقۇرى،نىمە ئانچە جۇلالىق ئىسىل تاش ھە بۇ؟! شۇنچە ئۇزۇن يىل كانچىلىق قىلىپمۇ مۇنداق بىباھا كان قېشىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.بۇ ئېرىشىش ئىنتايىن قىيىن بولغان قۇيرۇق قاش (ياڭجىيۈ) ئەمەسمۇ؟››دەيدۇ ئۆز-ئۆزىگە. ۋە ئۇ مالچى بالىغا 150 يۈەن بېرىپ ئۆزىنى مۇشۇ قاشنى تېپىۋالغان يەرگە ئاپىرىپ قۇيۇشقا كۆندۈرىدۇ.مەنزىلگە بارغاندىن كېيىن خوجايىن ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئىزدىگەن بولسىمۇ كاننى تاپالمايدۇ.ئۈمۈدى ئۈزۈلگەن خوجايىن تاغ قاپتىلىدا بىردەم ئارام ئېلىۋېلىپ قايتماقچى بولىدۇ.شۇنداقتىمۇ يەنىلا بۇ جايدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي ئۇياق-بۇياققا سىنچىلاپ قاراۋېتىپ ئىختىيارسىز قار دۆۋىسى ئىچىدىكى بىر پارچە ئاق قاشنى كۆرۈپ قالىدۇ-دە.،دەرھال بۇ يەرنى ئاچىدۇ.قارىغۇدەك بولسا بۇ جاي دەل مۇشۇ قاش كانى ئىدى.ئۇ بۇ كاننى كۆرۈپ بەكمۇ جىددىيلىشىدۈ. بەشىنچى ئاي ئۆتۈپ كېتەي دېدى.ئالتىنچى ئايدا تاغدىن چۈشۈپ كەتمىسەم بولمايدۇ.ناۋادا قار كۆچۈپ قالسا تاغدىن چۈشىشۈمۇ تەس توختايدۇ بەلكى توڭلاپ ئۆلۈپ كېتىشىممۇ مۇمكىن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆددە مەزگىلىم توشتى.كېلەر يىل بۇ جاينى ھۆددە ئالالامدىم-يوق،شۇڭا جىددىي بىر ئامال تاپمىسام بولمايدۇ.......شۇلارنى ئويلىغان خوجايىن ئاخىر پارتىلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بۇ كاندىن سەككىز توننا قاشنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئېلىپ چۈشىدۈ.
توقسان بەشنىڭ قېشى ئاز ئۇچرايدىغان قۇيرۇق قاش (ياڭجىيۈ) دەرىجىسىدىكى كان قېشى بولۇپ كان قېشىنىڭ ئەڭ ئېسىلى بولغان مۇنداق سۈپەتلىك كان قېشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.ئەپسۇسلىنارلىقى،پارتىلىتىش مەشخۇلاتى بىلەن ئېلىنغاچقا چوڭ پارچىلىرى ئىنتايىن ئاز ھەم دەز-يېرىقچىلار كۆپ بولۇپ كەتكەن.شۇنداقتىمۇ قاشلارنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ئېسىل بولغانلىقتىن ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى باھادا سېتىلىپ تۈگىگەن.كېيىن نۇرغۇن كانچىلار،تەۋەككۈلچىلەر بۇ ئەتراپنى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئىزدىگەن بولسىمۇ مۇنداق كاننى ۋە مۇنداق ئېسىل قاشنى تاپالمىغان.ھازىر تىرماقچىلىك پارچىسىنى تېپىشمۇ قىيىن.
خۇلاسە كالام:بۇ ھېكايىنىڭ راست يالغانلىقى مۇھىم ئەمەس.مۇھىم بولغىنى كېرىيە كان قېشىنىڭ قىممەتلىك كان قېشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىغانلىقىدا.95 نىڭ كېرىيە كان قېشى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئېسىل قاش بولۇپ ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى-بەكمۇ ئاق،زىچلىقى ئىنتايىن يۇقىرى،ناھايىتى مايلىق،بەكمۇ جۇلالىق بولۇپ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.ئۇ گەرچە كان قېشى بولسىمۇ قۇيرۇق قاشتەك زىرە قاشلاردىن سۈپىتى قېلىشمايدىغان ھەقىقىي ئەلا سۈپەتلىك قاشتېشىدۇر.بۇ يېقىنقى ئوتتۇز يىللىق قاشتېشى تارىخىدىكى بىر مۆجىزە بولۇپ،ئەينى ۋاقتىدا ھازىرقىدەك ئېتىبارغا ئېلىنىپ كەتمىگەن.ئەمما ھازىر بۇ قاشنىڭ باھاسى ئۆرلەپ ھەر كىلوسى بەش يۈز مىڭ يۈەنگە چىققان بولسىمۇ تېپىش ئىنتايىن قىيىن.
مەنبە : 中国和田玉网