روسىيە قاشلىرى
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
روسىيە قاشلىرى بايقال كۈلى ئەتراپىدىن چىقىدىغان بولۇپ ، بۇ زىمىندىن چىقىدىغان يۇمشاق قاشمۇ خوتەن قاشتېشى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى ھىساپلىنىدۇ.
روسىيە قاشلىرى ئاساسەن ئاق،يېشىل ، سېرىق رەڭدە بولىدۇ.ئاق رەڭلىك روسىيە قاشلىرىنىڭ سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ،ئاق رەڭ ھەربىر پارچە قاشقا تەكشى تارالغان .شۇڭا رەڭ جەھەتتىن خوتەندىن چىقىدىغان ئاق قاشلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ روسىيەدىن چىقىدىغان ئاق قاشلارنى ياخشى كۈرىشىدىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى. بىراق قۇرغاق بولۇپ،مايلىقلىق جەھەتتە خوتەننىڭ ئۆزىدىن چىقىدىغان قاشلارغا زادىلا يەتمەيدۇ.بىر قىسىم زىرە قاشلارنىڭ قىزغۇچ چاپىنى بولۇپ،چاپىنىنىڭ رەڭگى قېنىق بولىدۇ.مۇنداق قېنىق قىزغۇچ رەڭلىك چاپان چۈشكەن قاشلاردىكى ئاق رەڭ تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.شۇڭا بۇ خىلدىكى قاشلار قەدىمىي تەقلىدى بۇيۇملارنى ياساشنىڭ ياخشى ماتىريالى ھىساپلىنىدۇ .مەسىلەن: چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوردىدا ئىشلىتىلگەن قاش بۇيۇملارغا تەقلىد قىلىنىپ ئىشلەنگەن ھازىرقى زامان ئويمىلىرى ئاساسەن روسىيە قاشلىرىدىن ئىشلەنگەن.
روسىيە قاشلىرىنى قېزىش 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلانغان بولۇپ ،يىللىق قېزىلىش مىقتارى 500 توننا ئەتراپىدا.گەرچە روسىيەدىن چىقىدىغان قاشلار دۆلىتىمىزنىڭ خوتەن قاشتېشىغا بېكىتكەن ئۆلچىمى بويىچە <<خوتەن قاشلىرى >> ھىساپلانسىمۇ ،بىراق سۈپىتى ۋە باھاسى جەھەتتىن خوتەننىڭ ئۆزىدىن چىقىدىغان خوتەن قاشلىرىغا مۇتلەق يەتمەيدۇ.شۇڭا خوتەن قاشتېشى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن روسىيە قاشلىرىنىڭ بازار باھاسى خوتەننىڭ ئۆزىدىن چىقىدىغان قاشلارنىڭ باھاسىدىن تۆۋەن بولىدۇ.
روسىيە قاشلىرى چىقىدىغان ئۇرۇننىڭ قاراقۇرۇم تاغلىرىغا يېقىن بولىشى،روسىيەدىن چىقىدىغان قاشلار بىلەن خوتەننىڭ ئۆزىدىن چىقىدىغان قاشلارنىڭ سۈپەت جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىشى ___روسىيە قاشلىرىنىڭ جوڭگۇ بازارلىرىدا قارشى ئېلىشقا ئېرىشىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى بولۇپ، روسىيە قاشلىرى خوتەن ،چىڭخەي،كورىيە،كانادا قاتارلىق جايلاردىن چىققىدىغان قاشلارغا ئوخشاشلا جوڭگۇنىڭ قاشتېشى بازىرىدا مۇھىم ئۇرۇن ئىگىلەيدۇ.
مەنبە : 玉祥源珠宝 سالونى
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى