ھىندىستاندىكى پاھىشەلەرنىڭ مۇشەققەتلىك تۇرمۇشى
يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 05 - ئاينىڭ 23- كۈنى 04:52
ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدە پاھىشەلىك كەسپى ئىنتايىن ئەۋج ئالغان، بۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامرىشىنى تىزگىنلەۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەن ئادەمنى ئەنسىرىتىدىغان ئىش. بومباي شەھىرى ئەتراپىدىكى فرانك كوچىسى بار رايوندىلا 4000 دەك جىنسىي خىزمەتچى ھەرىكەت قىلىدۇ. يېقىن ئەتراپتىكى كاماتپۇنا رايونى بولسا كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ پاھىشەۋازلىق بازىرى بولۇپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئايال مەيلى بار ئەرلەرگە تېنىنى ساتىدۇ.
ئۇلارنىڭ ‹‹خېرىدار›› لىرى ئادەتتە كۆچمە ئەمگەكچىلەر، تاكسى، رىكشا، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، بۇلار فرانك كوچىسىغا بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلسا 2 ~ 4 دوللار خەجلەيدۇ، ئۇزاقراق تۇرسا 10 دوللار خەجلەيدۇ. ھالبۇكى پاھىشەخانا سىرتىدىكى سەييارە پاھىشەلەر بىر دوللار، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئاز ئالىدۇ.
