ئېفىئوپىيە فېدېراتىپ دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ‹‹ئافرىقىنىڭ ئۆگزە قىرى›› دېگەن نامى بار. ئېفىئوپىيەدە جەمئىي 80 نەچچە مىللەت بار. ئېفىئوپىيەنىڭ جەنۇب تەرىپى ۋە ئومو جىلىغىسى رايونىدا 50 تەك مىللەت بار. بۇلارنىڭ كۆپى قەبىلە مىللەتلىرى بولۇپ، ئىپدائىيراقلىرىدىن 20 نەچچىسى بار. بۇ سۈرەتلەردىن سىز مۇرسى قەبىلىسى (
MursiTribe)، كارو قەبىلىسى (KaroTribe)، ئالپۇلاي قەبىلىسى ۋە داسسانچ قەبىلىسى (DassanetchTribes) دىن ئىبارەت تۆت چوڭ قەبىلىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرەلەيسىز.
داسسانچ قەبىلىسى ئېفىئوپىيەنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى ئومو دەرياسى (RiverOmo) بويىدا ياشايدىغان ئىنتايىن كىچىك بىر قەبىلە. بۇ قەبىلە سەككىز مىللەت توپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى بار، كېنىيەنىڭ شىمالىدىكى تىركانا كۆلى بويىدىكى تىركانا قەبىلىسى بىلەن يېقىن.ئۇلار ئۆزىگە خاس تىلدا سۆزلىشىدۇ. ئاياللار ئۈستى بەدىنىگە كىيىم كىيمەيدۇ، بويۇن ۋە بىلەكلىرىگە ئاددىي بېزەكلەرنىلا تاقىۋالىدۇ، ئۇلار ئاستىنقى كالپۇكىنىڭ ئاستىدىن بىر كىچىك تۆشۈك ئېچىپ، ئۇنىڭغا پەي قاتارلىق بېزەكلەرنى قىستۇرۇۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
مۇرسى قەبىلىسى چارۋىچىلىققا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ، پەسىلگە قاراپ كۆچىدۇ، ياشقا چوڭراق ئاياللار ئىلگىرىكىدەكلا كالپۇكىنىڭ ئۈستىدىن تۆشۈك تېشىپ، يوغان ساپال تەخسە پاتتۇرۇۋېلىشنى گۈزەللىك دەپ بىلىدۇ، مۇشۇنداق ياسانمىغان ئاياللارغا مۇرسى ئەرلىرىنىڭ نەزەرى چۈشمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، قىزچاقلاردىن كالپۇكىغا تەخسە قىستۇرۇۋالىدىغانلار بارغانسېرى ئازىيىشقا باشلىدى، لېكىن قۇلىقىنى كېسىپ تەخسە قادايدىغانلار يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۆپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تېخىچە قورسىقى ۋە بىلىكىنى كېسىپ رەتلىك تارتۇق قالدۇرۇپ، بىر خىل ئىپتىدائىي ياۋايى گۈزەللىكنى نامايان قىلىدۇ.
كارو قەبىلىسىدىكىلەر تېنىگە رەسىم سىزىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئالپۇلاي قەبىلىسىدىكىلەر يېنىدا دائىم توقماق ئېلىپ يۈرىدۇ.
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر