ئادىل ئابدۇرۇسۇل
دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا نەپسانىيەتچىلىك قىلىش جىنايىتى دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش جىنايەتلىرىگە دېلو تۇرغۇزۇش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا نەپسانىيەتچىلىك قىلىش قىلمىشى تۆۋەندىكى ئەھۋالغا چېتىشلىق بولسا دېلو تۇرغۇزۇلىدۇ، قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
(1) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقلىقتىن پايدىلىنىپ، كادىرلار ئارخىپى، نوپۇس ئارخىپى، ئىمتىھان نەتىجىسى ياكى مەمۇر، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ياسىغان، ئۆزگەرتكەن ياكى يۇقىرقى ماتېرىياللارنى ياسىۋالغانلىقى، ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرغان بولسا.
(2) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقلىقتىن پايدىلىنىپ، بەشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن بولسا.
(3) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ لاياقەتسىز مەمۇر، ئوقۇغۇچىنى ئۈچ قېتىم قوبۇل قىلغان ياكى ئۈچتىن ئارتۇق قوبۇل قىلغان بولسا.
(4) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ لاياقەتسىز مەمۇر، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، چەتكە قېقىلغان لاياقەتلىك خادىم ياكى ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلۈۋېلىشى، ئۆزىنى مېيىپ قىلىۋېلىشى، ئېغىر زەخىملەندۈرۈۋېلىشى ياكى ئېلىشىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا.
(5) نەپسانىيەتچىلىك بىلەن مەمۇر ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ شۇ خىزمەتنىڭ قايتا ئىشلىنىشىگە سەۋەبچى بولغان بولسا.
(6) يۇقىرىقىلاردىن باشقا قىلمىشى ئېغىر بولغان باشقا ئەھۋاللار بولغان بولسا دېلو تۇرغۇزۇلىدۇ. قانۇنىي جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 418 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن دۆلەت مەمۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر