يەن ياڭ
يېقىندا، دۆلىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدە بىر خەۋەر تارقالدى، دۆلەت شۇڭغۇما پاراشوت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، 20 ياشلىق ياڭ شياۋچياڭ مەشىق داۋامىدا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەرىكەت مەشغۇلاتىدا 100 مېتىر ئېگىزلىكتىن چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلدى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى سىمسىز رادىيولۇق ئايروپىلان مودېلى ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى: ھازىر دۆلەت شۇڭغۇما پاراشوت ئەترىتىنىڭ ئىشتاتى مۇكەممەل ئەمەس، كوماندا ئەزالىرى ۋاقىتلىق تاللانغان، باشقۇرۇش مەركىزىدىكىلەردىن باشقا خادىملار ئىشتاتسىز، دېگەن. ياڭ شياۋچياڭنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشى ئىش ئورنىدا يارىلىنىش بويىچە بىر تەرەپ قىلىنمىغان، باشقۇرۇش مەركىزىدىكىلەر ئۇلارنىڭ بەش خىل سۇغۇرتىسىنىمۇ تاپشۇرمىغان.
ئۇنداقتا ئىشتاتسىزلارنى ئىش ئورنىدا يارىلانغان دەپ بېكىتىشكە بولامدۇ؟ يېقىندا خاربىندىكى مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى جاڭ جىجۈەن كوچا سۈپۈرۈۋاتقاندا، تۇيۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشكەن، ئۇ ھايات قالغانلىقى ئۈچۈن ئىش ئورنىدا يارىلانغان دەپ بېكىتىلمىگەن؛ نەچچە يىل ئىلگىرى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ئايال ئوقۇتقۇچى لى خۇا چارچىغانلىقتىن مۇنبەردە يىقىلىپ چۈشۈپ، 48 سائەت ھوشسىز يېتىپ قازا قىلغان، ئۇ 48 سائەت ئىچىدە قازا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئىش ئورنىدا يارىلانغان دەپ بېكىتىلمىگەن؛ ياڭ شياۋچياڭمۇ مەشىقتە ھادىسىگە يولۇقۇپ قازا قىپتۇ، ئۇ ئىشتاتسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئىش ئورنىدا يارىلانغان دەپ قارالماپتۇ.
سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلساق، ياڭ شياۋچياڭ ۋاقىتلىق تاللانغان، ئۇنىڭ ئىشتاتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇلمىغان، شۇ سەۋەبتىن ئۇنى ئىش ئورنىدا يارىلانغان دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ.
ئۇنداقتا، ئىشتاتسىز بولغانلىقى، ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇلمىغانلىقى ئۈچۈنلا مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ قويۇشقا بولامدۇ؟ بولمايدۇ. چۈنكى، بىرىنچى، ياڭ شياۋچياڭ گەرچە ۋاقىتلىق تاللاپ كېلىنگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ دۆلەت شۇڭغۇما پاراشوت ئەترىتى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان. ‹‹ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە بارلىق كارخانا، ئىدارە، تەشكىلات ھەتتا يەككە سودا – سانائەتچىلەر خىزمەتچى خادىملىرىغا ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىپ بېرىشى كېرەك. دۆلەت شۇڭغۇما پاراشوت ئەترىتى ياڭ شياۋچياڭ قاتارلىقلارغا بەش خىل سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرمىغان. دېمەك، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا قانۇنغا خىلاپ. تەنھەرىكەتچىلەر نەتىجە قازانسا، تەنھەرىكەت ئەترىتى، باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ يېرىم ئۆلۈش ھەسسىسى بولىدىكەن – يۇ، تەنھەرىكەتچىلەر ھادىسىگە ئۇچرىسا ئۇلار قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرسا بولامدۇ؟
ئىككىنچى، ياڭ شياۋچياڭنىڭ ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ‹‹ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى››نىڭ 62 – ماددىسىدا: ‹‹ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك، ئەمما سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلمىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىدا يارىلانسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى تۈرى ۋە ئۆلچىمى بويىچە ھەق تاپشۇرۇشى كېرەك›› دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا سۇغۇرتىغا قاتناشمىغانلىق ئىش ئورنىدا يارىلىنىشنى بېكىتىش ۋە تۆلەم تۆلەشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ياڭ شياۋچياڭنىڭ ئۆلۈمى ئەلۋەتتە ئىش ئورنىدا يارىلىنىش بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى، تۆلەم راسخوتىنىئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تولۇق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بۇ بەلگىلىمە قانۇن بويىچە ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرىپ بەرمىگەن ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىدا يارىلانسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تېخىمۇ كۆپ تۆلەم تۆلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ئاكتىپ تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىغىلى بولىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ياڭ شياۋچياڭ مەشىق داۋامىدا ھادىسىگە يولۇققان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئىش ئورنىدا يارىلىنىشنى بېكىتىشكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ‹‹ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتا نىزامى››نىڭ 14 – ماددىسىدا ‹‹ئىش ئورنىدا يارىلىنىشنى بېكىتىش››نىڭ يەتتە تۈرلۈك ئەھۋالى بەلگىلەنگەن، بۇنىڭدا ‹‹خىزمەت ۋاقتى ۋە خىزمەت سورۇنىدا خىزمەت سەۋەبىدىن ھادىسىگە يولۇقۇپ يارىلانغانلار›› دېيىلگەن مەزمۇن بار، ياڭ شياۋچياڭنىڭ ئەھۋالى بۇ ماددىغا چۈشىدۇ. مەزكۇر نىزامنىڭ 16 – ماددىسىدا: ‹‹ئىش ئورنىدا يارىلىنىشنى بېكىتىشكە بولمايدىغانلار››نىڭ ئۈچ خىل ئەھۋالى بەلگىلەنگەن، بۇ ‹‹قەستەن جىنايەت سادىر قىلغانلار››، ‹‹مەستلەر ياكى زەھەر چەككەنلەر››، ‹‹ئۆزىنى نابۇت قىلغانلار ياكى ئۆلۈۋالغانلار›› دېگەن مەزمۇن بار، ياڭ شياۋچياڭنىڭ ئەھۋالى بۇ ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ ھېچقايسىسىغا توغرا كەلمەيدۇ. شۇڭا ياڭ شياۋچياڭ مەشقاۋۇلنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي خاتالىق سادىر قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئىش ئورنىدا يارىلىنىشنى بېكىتىشكە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
ئىشتاتسىز بولۇش، ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان بولۇشنىڭ ھېچقايسىسى ياڭ شياۋچياڭنىڭ ئۆلۈمى بىلەن كارى بولماسلىقنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ.
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر